添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 1358-نومۇرلۇق

作者:阿卜都喀迪尔努尔  2016-07-22 16:41:35


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3125 ھ د 1358-نومۇرلۇق

  دەۋاگەر : ئا XXX

جاۋاپكار: ئە XXX

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئا XXXنىڭ جاۋابكار ئە XXX ئۈستىدىن دەۋا قىلغان نىكاھدىن ئاجرشىش ماجرا دىلوسنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە سوتچى ئابدىقادىر نۇر تەنھا يېپىق سوت قىلدى، دەۋاگەر ئا XXX بىلەن جاۋابكار ئە XXX سوتقا كىلىپ داۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

   دەۋاگەر ئا XXX مەھكىمىمىزگە : « مەن يولدۇشۇم بىلەن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق تونۇشۇپ 1993-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ 1994-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان ئا XXX، 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان ئۈ XXX، 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان ئە XXX ، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان ئە XXX ئىسىملىك تۆت بالىغا ئاتا-ئانا بولۇشۇپ، يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرى بۇلاق بېشى ئىجتىمائى رايونى 1-مەھەللە تەۋەسىگە جايلاشقان ئۆينى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ 2014-يىلى 2-ئايغىچە نورمال تۇرمۇش كەچۈردۇق. 2014-يىلىدىن باشلاپ يولدۇشۇم ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ مېنى ۋە بالىلارنى ئۇرۇپ ھاقارەتلىدى. تاپقان پۇلنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپ ئىقتسادى جەھەتتىن قىينىدى. مەن ۋە ئىجتىمائى رايون رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم تەربىيە قىلغان بولسىمۇ تۈزەتمىدى. 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئىجتىمائى رايون رەھبەرلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مەن ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئايرىپ چىقىپ يولدۇشۇم بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ بىر كۈنى كەچتە مەن بالامغا مەشكە ئوتۇن سېلىۋەتكىن دەپ بويرىسام يولدۇشۇم نېمىشقا بالىنى ئىشقا بويرۇپ ئۆزۈڭ قىلمايسەن دەپ مېنى ئۇردى. بىرگە ئۆي تۇتۇش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ يولدۇشۇم بىلەن نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇپ قويسا، ئوتتۇرىمىزدىكى ئۈچ بالىدىن ئە XXX مەن بېقىپ تەربىيىلىسەم، ئۈ XXX بىلەن ئە XXX يولدۇشۇم بېقىپ تەربىيىلىسە، 5 پۇڭ كۆلەمدىكى ئۆينى تەڭ تەقسىم قىلىپ قويسا، دەۋا ھەققىنى جاۋابكار ئۈستىگە ئالسا» دەپ دەۋا قىلدى.

  دەۋاگەر ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۈۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇردى: 1. 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بىجىرگەن 182-نومۇرلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،2. يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرى بۇلاق بېشى ئىجتىمائى رايونىنىڭ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى يېزىپ بەرگەن بىر پارچە ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

جاۋاپكار ئە XXX «مەن ئايالىم بىلەن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق 1993-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ 1994-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان ئا XXX، 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان ئۈ XXX ، 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان ئە XXX ، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان ئە XXX ئىسىملىك تۆت بالىغا ئاتا-ئانا بولۇشۇپ، يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرى بۇلاق بېشى ئىجتىمائى رايونى 1-مەھەللە تەۋەسىگە جايلاشقان ئۆينى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ 2013-يىلىغىچە نورمال تۇرمۇش كەچۈردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئامانلىق باشقۇرغۇچى بولۇپ بالىلىرىمغا قاراپ يۈردۈم، ئايالىم سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى. ئايالىمدىن تاپقان پۇلىنى سۈرۈشتە قىلسام خەجلەپ بولدۇم دىدى يەنە پۇلنى سۈرۈشتۈرسەم مەن بىلەن جېدەللەشتى. 2016-يىلى 2-ئايدا بىر كۈنى كەچتە ئايالىم بالامنى مەشكە ئوتۇن سېلىۋەتكىن، داس ئەكىرىۋەتكىن دىدى، مەن كېيىن قىلسا بولمامدۇ دىسەم ئايالىم مەن بىلەن جېدەللەشتى ئايالىمنى بىرنى تەپتىم. قىزىمنى ياتلىق قىلىپ بولغان، ئايالىم كىچىك بالام ئە XXX نى ئېلىپ بەشكەن بازاردىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكىلى بىر ئاي بولدى. ئۈچ بالام مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، بالىلىرىم كىچىك مەن نىكاھتىن ئاجراشمايمەن» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

جاۋاپكار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۈۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇردى

1.تەرەپلەرنىڭ 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يەكەن ناھىيە بەشكەن بازارلىق خەلق ئىشلار ئىشخانىسىدىن بىجىرگەن 182-نومۇرلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى

سوتتا تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە : تەرەپلەر باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق 1993-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ 1994-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان ئا XXX ، 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان ئۈ XXX ، 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان ئە XXX ، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان ئە XXX ئىسىملىك تۆت بالىغا ئاتا-ئانا بولۇشۇپ، 2014-يىلى 2-ئايغىچە بىر ئائىلىدە نۇرمال تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. تەرەپلەر بۇ جەرياندا يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرى بۇلاق بېشى 1-مەھەللىگە جايلاشقان 5 پۇڭ كۆلەمدىكى 3 ئېتىز ئۆي، بىر دانە ماشىنا (بىراك قىلىنغان)، بىر دانە ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت، ئىككى دانە رەڭلىك تېلېۋىزور، بىر دانە مۇز تاغ ماركىلىق توڭلاتقۇ، بىر دانە كىرئالغۇ (بۇزۇلۇپ قالغان)، ئىككى پارچە سۈنئى گىلەم، 4 دانە يوتقان، 4 دانە كۆرپە، ئۈچ پارچە كىگىز، قوش تەخسىلىك گاز ئوچىقى ۋە بىر قىسىم ئاشخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق مال-مۈلۈكلەرنى ئورتاق ئىقتىسات قىلغان، پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىدىن پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتى ئۈچۈن 24500 يۈەن جەرىمانە قۇيغان بولۇپ جەرىمانىنى تىخى تۈلىمىگەن. ئۇندىن كىيىن تەرەپلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىپ ئوتتۇردا ئۇششاق جىدەل ماجرا تۈگۈمەي، 2016-يىل 2-ئايدا  بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ جىدەللىشىپ قىلىپ ئەر ئايالىنى بىرنى تەپكەندىن كىيىن ئايال يامانلاپ كەتكەن، ئەر ئۆي تۇتۇشنى ئىيىتقان بولسىمۇ دەۋاگەر قۇشۇلماي نىكاھدىن ئاجرىشىش توغۇرلۇق مەھكىمىمىزگە دەۋا قىلغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار ئىنىقلاندى.

  يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر كۈرسەتكەن 2 تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات،جاۋاپكار كۈرسەتكەن بىر تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات ۋە تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى ۋە سوت خاتىرىسى قاتارلىق ئىسپاتلار ئارقىلىق بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ 23 يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ 4 بالىغا ئاتا-ئانا بولۇشۇپ بىر قاتار ئائىلە مۈلۈكلەرنى ئەھيا قىلغان بولسىمۇ ئىختىزادى جەھەتتە قىينىلىپ ئوتتۇردا ئۇششاق جىدەل ماجرا تۈگۈمىگەن. دەۋاگەر نىكاھدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تەرەپلەرنىڭ ئۆي تۇتقان ۋاىتى ئۇزۇن بولۇپ، 4 پەرزەنتى بار، ئايرىلىپ تۇرغان ۋاختى قىسقا ، دەۋاگەر كۈرسەتكەن سەۋەپ ئەر-ئاياللىق مۇھەببتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ ھەم نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك شەرىتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ،جاۋاپكارنىڭ ئۆي تۇتۇش تەلىنىڭ ئاساسى بار قوللاشقا بۇلىدۇ، دەۋاگەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا دەلىل-ئىسپات كۈرسۈتۈش جاۋاپكارلىقى بۇلىدۇ،لىكىن دەۋاگەر يىتەرلىك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىگەچكە نىكاھدىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 64-ماددا 1-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ32- ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قلىندى.

1.دەۋاگەر ئا XXX نىڭ دەۋا تەلىپى رەت قىلىندى.

   2. دىلۇ قۇبۇل قىلىش ھەققى 50 يۈەننى دەۋاگەر ئۈستىگە ئالسۇن.

  ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرز كۆچۈرمىسىدىن ئالتە نۇسقا يېزىپ 2-سوت دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ.

سوتچى :  ئابدىقادىر نۇر

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى

پۈتۈكچى : روشەنگۈل ئالىم

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1653954 位访客