添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 01499-نومۇرلۇق

作者:阿卜都喀迪尔努尔  2016-07-22 16:42:26


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3125 ھ د 01499-نومۇرلۇق

دەۋاگەر : خا شىڭگۇ

جاۋابكار : ئابلەت تۇرسۇن

   مەھكىمىمىز دەۋاگەر خا شىڭگۇنىڭ جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇن ئۈستىدىن دەۋا قىلغان قەرز مۇئامىلە ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە سوتچى ئابدۇقادىر نۇر تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر خا شىڭگۇ سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇنغا مەھكىمىمىز 2015-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىچىلىدىغان سوتقا قاتنىشىش توغرىسىدا قانۇنلۇق چاقىرىقنامە يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئورۇنسىز سوتقا قاتناشمىدى، بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر خا شىڭگۇ مەھكىمىمىزگە: « مەن جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇن بىلەن تونۇش بولغاچقا جاۋابكار 2011-يىلى ئۆي سېتىۋالىمەن ۋە ئۆي بىزەيمەن دەپ مەندىن 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 32500 يۈەن قەرز ئېلىپ 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۈججەت يېزىپ بەرگەن ئىدى، لېكىن ۋەدىسىدە تۇرماي پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى جاۋابكار مەندىن يەنە 16200 يۈەن قەرز ئېلىپ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۈججەت يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە مەندىن ئىككى قېتىمدا قەرز ئالغان 48700 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن 48700 يۈەن پۇلۇمنى ئېلىپ بېرىشىنى، دەۋا ھەققىنى جاۋابكارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمەن » دەپ داۋا قىلدى.

دەۋاگەر ئۆز تەشەببۇسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دەلىل-ئىسپاتلارنى سوتقا تاپشۇردى :

  1-جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇننىڭ 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يازغان 32500 يۈەن قەرىز ھۈججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

  2-جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇننىڭ 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى يازغان 16200 يۈەن قەرىز ھۈججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

  3-جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇننىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، جاۋابكارنىڭ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى

جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇنغا مەھكىمىمىز 2015-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىچىلىدىغان سوتقا قاتنىشىش توغرىسىدا قانۇنلۇق چاقىرىقنامە يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئورۇنسىز سوتقا قاتناشمىغاچقا جاۋاپ پىكىرى ئېلىنمىدى ھەم سوتقا دەلىل-ئىسپات تاپشۇرمىدى.

سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنقلىشمىزچە : جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇن دەۋاگەر خا شىڭگۇدىن ئۆي سېتىۋالىمەن ۋە ئۆي بىزەيمەن دەپ 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 32500 يۈەن قەرز ئېلىپ 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۈججەت يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن، 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى جاۋابكار يەنە دەۋاگەردىن 16200 يۈەن قەرز ئېلىپ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۈججەت يېزىپ بەرگەن. جاۋاپكار دەۋاگەردىن ئىككى قېتىمدا جەمى 48700 يۇەن قەرىز ئالغان بۇلسىمۇ قەرزنى قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكتىن   دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكار ئۈستىدىن 48700 يۇەن قەرىزنى تۈلىتىپ بىرىش تۇغرىسىدا مەھكىمىمىزگە دەۋا قىلغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر تەمىنلىگەن يۇقۇرقى 3 تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. جاۋابكار ئابلەت تۇرسۇن دەۋاگەر خا شىڭگۇدىن ئىككى قېتىمدا جەمئىي 48700 يۈەن قەرز ئېلىپ قەرز ھۈججىتى يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ قەرزنى قايتۇرمىغان، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولۇپ دەۋاگەر تەمىنلىگەن ئىسپاتنىڭ كۈچىنى بىكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكار ئابلەت تۇرسۇنغا سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ سەۋەبسىز سوتقا كەلمىگەن ھەم قارشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن بولغاچقا كىلىپ چىققان پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بۇلۇدۇ، جاۋاپكار دەۋاگەرگە 48700 يۈەن قەرىزنى قايتۇرۇشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى » نىڭ 144-ماددىسى، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 90-، 108-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

  1- جاۋاپكار ئابلەت تۇرسۇن دەۋاگەر خا شىڭگۇغا تۆلەشكە تىگىشلىك 48700 يۇەن قەرزنى ھۆكۈمنامە قانۇنى كۈچكە كىرگەن ھامان تۆلەپ قايتۇرسۇن.

  2 -دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 508.75 يۈەننى جاۋاپكار ئابلەت تۇرسۇن ئۈستىگە ئالسۇن.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرز كۆچۈرمىسىدىن 6 نۇسخا يېزىپ 2-سوت دەۋا ھەققىنى قوشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ.

  سوتچى :  ئابدىقادىر نۇر

 

              2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

                پۈتۈكچى : روشەنگۈل ئالىم

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1651651 位访客