添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 1510-نومۇرلۇق

作者:阿卜都喀迪尔努尔  2016-07-22 16:42:58


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3125 ھ د 1510-نومۇرلۇق

دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) : سەمەت نۇردۇن

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋەكالەتچىسى : مەمەتتۇرسۇن يۈسۈپ، شىنجاڭ باھادىر ئادوۋكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادوۋكاتى. ئادەتتىكى ھوقوقلۇق

جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) : تاھىر تۇرسۇن

مەھكىمىمىز دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇننىڭ جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇن ئۈستىدىن دەۋا قىلغان قەرز مۇئامىلە ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە سوتچى ئابدۇقادىر نۇر تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇن ۋە ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋەكالەتچىسى مەمەتتۇرسۇن يۈسۈپ، جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇن سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇن مەھكىمىمىزگە: « مەن جاۋابكار تاھىر تۇرسۇن بىلەن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 130 مو كۆلەمدىكى بىنام يەرنى 10 يىللىق ھۆددىگە ئېلىش ھۆددىگە بېرىش توختامنامىسى تۈزۈپ يەرنى ھۆددىگە ئالغان ئىدىم. يەرنى تېرىش داۋامىدا يەرنىڭ تىگىدىن زەي چىقىۋالغان بولغاچقا مەن جاۋابكارغا يەنى ئوڭشاپ بېرىشنى ئېيتسام جاۋابكار يەرنى ئوڭشاپ بېرىمەن دەپ مېنىڭ نامىمدا بانكىدىن 50000 يۈەن قەرز ئېلىپ يەرنى ئوڭشاپ بەرمەي پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىۋېلىپ، ماڭا 50000 يۈەن قەرز بىلەن بانكا ئۆسۈمىنى قوشۇپ تۆلەيمەن دەپ ھۈججەت يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە پۇلنى بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن ھۆددە ئالغان يەرنى ئوڭشاپ بېرىش ئۈچۈن جاۋابكارغا بەرگەن 50000 يۈەن، ئۆسۈمى 7800 يۈەن جەمئىي 57800 يۈەننى جاۋابكاردىن ئېلىپ بېرىشنى، دەۋا ھەققىنى جاۋابكارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ داۋا قىلدى.

دەۋاگەرسەمەت نۇردۇن ئۆز تەشەببۇسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دەلىل-ئىسپاتلارنى سوتقا تاپشۇردى :

1.سەمەت نۇردۇننىڭ يەكەن ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتىپىدىن 50000 يۈەن قەرز ئالغانلىقى توغرىسىدىكى قەرز تالونىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

2.   2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تاھىر تۇرسۇن يازغان بىر پارچە قەرز ھۈججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخىس

3.   50مىڭ يۈەن قەرز ۋە 7820 يۈەن ئۆسۈم قايتۇرغانلىق توغرىسىدىكى 4 پارچە بانكا تالونى

  جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇن:‹‹ مەن دەۋاگەرنىڭ نامىدا ئازاتباغ ئۆستەڭ بويىدىكى توختام بىلەن ئاچقان بىنام يەرنى قايتا تۈزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2012-يىلى 10-ئايدا يەكەن ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتىپىدىن قەرز ئالغان 50000 يۈەن قەرز ئالغان بولۇپ 49600 يۈەن نەق پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنى بانكا ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۇش توغرىسىدا ھۈججەت يېزىپ بەرگەنلىكىم راست. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 23000 يۈەن نەق پۇلنى دەۋاگەرگە قايتۇردۇم. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى قالدى پۇلنى ئېلىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىپ قويۇپ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتسەم دەۋاگەر پۇلنى بەرگۈچى پونكىت كادىرى قۇربان ئەخەتكە ئەمەلى بانكا ئۆسۈمىنى كۆرسەتمەي مەن بىلەن كېيىن ھىسابلىشىۋالىمەن دەپ يالغان سۆزلەپ 37000 يۈەن پۇلغا ھۈججەت يېزىپ بېرىپ ئېلىپ كەتكەن. جەمئىي 60000 يۈەن بولۇپ 2 يىللىق بانكا ئۆسۈمىنى ھىسابلىغاندا بانكا ئۆسۈمى 6600 يۈەن بولغان. دەۋاگەر مەندىن 3400 يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغان ›› دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇن مەھكىمىمىزگە :‹‹ مەن دەۋاگەرنىڭ نامىدا ئازاتباغ ئۆستەڭ بويىدىكى توختام بىلەن ئاچقان بىنام يەرنى قايتا تۈزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2012-يىلى 10-ئايدا يەكەن ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتىپىدىن قەرز ئالغان 50000 يۈەن قەرز ئالغان بولۇپ 49600 يۈەن نەق پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنى بانكا ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۇش توغرىسىدا ھۈججەت يېزىپ بەرگەنلىكىم راست. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 23000 يۈەن نەق پۇلنى دەۋاگەرگە قايتۇردۇم. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى قالدى پۇلنى ئېلىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىپ قويۇپ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتسەم دەۋاگەر پۇلنى بەرگۈچى پونكىت كادىرى قۇربان ئەخەتكە ئەمەلى بانكا ئۆسۈمىنى كۆرسەتمەي مەن بىلەن كېيىن ھىسابلىشىۋالىمەن دەپ يالغان سۆزلەپ 37000 يۈەن پۇلغا ھۈججەت يېزىپ بېرىپ ئېلىپ كەتكەن. جەمئىي 60000 يۈەن بولۇپ 2 يىللىق بانكا ئۆسۈمىنى ھىسابلىغاندا بانكا ئۆسۈمى 6600 يۈەن بولغان. دەۋاگەر مەندىن 3400 يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغان. دەۋاگەردىن 3400 يۈەننى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن›› دەپ قارشى دەۋا قىلدى.

جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇن ئۆز تەشەببۇسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دەلىل-ئىسپاتلارنى سوتقا تاپشۇردى :

1.  2014 -يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەمەت نۇردۇننىڭ 23000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى توغرىسىدا يازغان بىر پارچە ھۈججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

2.   2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سەمەت نۇردۇننىڭ 37000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى توغرىسىدا يازغان بىر پارچە ھۈججىتى

دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇن:‹‹ جاۋابكاردىن 23000 يۈەن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىم راست، جاۋابكاردىن ئالغان 37000 يۈەن بولسا يەرنىڭ ئىجارىسى ئۈچۈن ئالغان پۇل بولۇپ قەرز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا جاۋابكارنىڭ قارشى ئەرزىنى رەت قىلىمەن›، دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

  سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنقلىشمىزچە : دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇن جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇندىن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئازاتباغ يىزا  ئۆستەڭ بويىدىكى 130 مو كۆلەمدىكى بىنام يەرنى 10 يىللىق ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بىنام يەرنى قايتا تۈزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تاھىر تۇرسۇن سەمەت نۇردۇندىن قەرىز سۇرىغاندا ،سەمەت نۇردۇن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى يەكەن ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتىپىدىن 3يىللىق مۇددەت بىلەن 50000 يۈەن قەرز ئىلىپ تاھىر تۇرسۇنغا قەرىز بەرگەن. تاھىر تۇرسۇن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 50 مىڭ يۇەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، بانكا ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۇش توغرىسىدا سەمەت نۇردۇنغا ھۈججەت يېزىپ بەرگەن. تاھىر تۇرسۇن قەرزى ئۈچۈن سەمەت نۇردۇنغا 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 23000 يۈەن، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 37000 يۈەن جەمئىي 60000 يۈەن بەرگەن. سەمەت نۇردۇن بانكىغا 50مىڭ يۇەن قەرىزنى مۇددەتكە بۈلۈپ قايتۇرۇپ، ئۈچ قىتىمدا 7820.46 يۇەن ئۆسۈم تۈلىگەن.بۇ جەرياندا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا يەر ئىجارە ئىلىش ئىشىدا زىددىيەت شەكىللىنىپ سەمەت نۇردۇن تاھىر تۇرسۇندىن تاپشۇرۇپ ئالغان پۇلنى يەر ئىجارىسدىكى مۇئامىلىگە ھىساۋلاپ قەرىز بەرگەن 50000 يۈەن، ئۆسۈمى 7800 يۈەن بولۇپ جەمئىي 57800 يۈەننى  ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، تاھىر تۇرسۇننىڭ سەمەت نۇردۇندىن قەرىز پۇلدىن 3400 يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغان دەپ 3400 يۈەننى ئېلىپ بىرىش تۇغرىسىدا قارشى دەۋا قىلغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر سەمەت نۇردۇن تەمىنلىگەن يۇقۇرقى 3 تۈرلۈك،جاۋابكار تاھىر تۇرسۇن تەمىنلىگەن 2 تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات، تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى قاتارلىق دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇن جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇندىن قەرىز سۇرىغاندا ،سەمەت نۇردۇن يەكەن ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتىپىدىن 3يىللىق مۇددەت بىلەن 50000 يۈەن قەرز ئىلىپ تاھىر تۇرسۇنغا قەرىز بەرگەن. تاھىر تۇرسۇن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 50 مىڭ يۇەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ،  بانكا قەرىز ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۇش توغرىسىدا ھۈججەت يېزىپ بەرگەن. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەقدارلىق-قەرىزدارلىق مۇناسىۋىتىنى بىكىتىشكە بۇلىدۇ، تاھىر تۇرسۇن قەرزى ئۈچۈن سەمەت نۇردۇنغا 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 23000 يۈەن، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 37000 يۈەن جەمئىي 60000 يۈەن بەرگەن. سەمەت نۇردۇن بانكىغا 50مىڭ يۇەن قەرىزنى مۇددەتكە بۈلۈپ قايتۇرۇپ، ئۈچ قىتىمدا 7820.46 يۇەن ئۆسۈم تۈلىگەن. بۇ جەرياندا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا يەر ئىجارە ئىلىش ئىشىدا زىددىيەت شەكىللىنىپ، سەمەت نۇردۇن سوتتا تاھىر تۇرسۇندىن تاپشۇرۇپ ئالغان 23 مىڭ يۇەننى قەرز ئۈچۈن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىتراپ قىلىپ ، 37 مىڭ يۇەننى يەر ئىجارىسىدىن قايتۇرۋالدىم، قەرىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق  دەپ قەرىزدىن 34800 يۇەننى  ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بۇلسىمۇ،37000 يۇەن تاپشۇرۋالغان ھۈججەتتە يەر ئىجارىسىدىن ئالغانلىقى يىزىلمىغان، يەر ئىجارىسىنىڭ ھىساۋى بىر تەرەپ قىلىنمىغان بۇلۇپ، 60 مىڭ يۇەننى قەرز ئۈچۈن بەرگەن دەپ بىكىتىشكە بۇلىدۇ. سەمەت نۇردۇننىڭ 57800 يۇەننى ئىلىپ بەرسۇن دىگەن تەلىۋىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق قوللاشقا بۇلمايدۇ، رەت قىلىشقا تىگىشلىك.

  جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇن سەمەت نۇردۇندىن قەرىز پۇلدىن 3400 يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغان دەپ  3400 يۈەننى ئېلىپ بىرىشنى قارشى دەۋا قىلغان بۇلسىمۇ،سوتتا بانكىنىڭ ئۆسۈم تالۇنىنى كۆرگەندىن كىيىن دەۋا تەلىۋىنى ئۆزگەرتىپ ئارتۇق تۈلىگەن 2180 يۇەننى ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ قارشى دەۋا قىلغان، قارشى دەۋانىڭ ئاساسى بار قۇللاشقا بۇلىدۇ، سەمەت نۇردۇن ئارتۇق ئالغان 2180 يۇەننى تاھىر تۇرسۇنغا تۈلەپ قايتۇرشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 90-، 108-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

1. دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇننىڭ دەۋا تەلىۋى رەت قىلىنسۇن.

2. دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇن 2180 يۇەننى   جاۋابكار(قارشى ئەرىزدىكى دەۋاگەر) تاھىر تۇرسۇنغا ھۆكۈمنامە قانۇنى كۈچكە كىرگەن ھامان تۆلەپ قايتۇرسۇن.

   3 . دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 622.50يۈەن، قارشى دەۋانىڭ قۇبۇل قىلىش ھەققى 25 يۇەننى دەۋاگەر(قارشى ئەرىزدىكى جاۋاپكار) سەمەت نۇردۇن ئۈستىگە ئالسۇن.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرز كۆچۈرمىسىدىن 6 نۇسخا يېزىپ 2- سوت دەۋا ھەققىنى قوشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ.

  سوتچى :  ئابدىقادىر نۇر

 

              2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى

                پۈتۈكچى : روشەنگۈل ئالىم

 

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1654006 位访客