添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 1695-نومۇرلۇق

作者:阿卜都喀迪尔努尔  2016-07-22 16:44:54


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3125 ھ د 1695-نومۇرلۇق

  دەۋاگەر: ئابلەت ئابلىمىت

 جاۋابكار: تۇرغۇن تۇرسۇن

 جاۋابكار: تۇنىسا تۇرسۇن

   دەۋادىكى 3-كىشى: ئاتىخان داۋۇت                     

   مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئابلەت ئابلىمىتنىڭ جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن، تۇنىسا تۇرسۇن، دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇت ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ئېلىم-سېتىم توختام ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە سوتچى ئابدىقادىر نۇر تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر ئابلەت ئابلىمىت، جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن، تۇنىسا تۇرسۇن، دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇت سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر ئابلەت ئابلىمىت مەھكىمىمىزگە: « 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مەن جاۋابكارلار بىلەن ئۆز-ئارا كىلىشىش ئارقىلىق جاۋابكارلاردىن يەكەن ناھىيە گۈلباغ يېزا ھەسىتپىر كەنتى 1-مەھەللىگە جايلاشقان 3 پۇڭ كۆلەمدىكى 5 ئېغىزلىق لاي تام ئۆينى 75000 يۈەنگە كىلىشىپ سېتىۋالغان ئىدىم. شۇ كۈنى مەن جاۋابكارلارغا 60000 يۈەن بەردىم، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 15000 يۈەننى بېرىپ ئۆينى رىمونت قىلىپ پايدىلىنىپ كەلگەن ئىدىم، 2013-يىلىغا كەلگەندە دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇت سوت مەھكىمىسىگە مىراس دەۋاسى قىلغاندىن كېيىن يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى (2013) 1698-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقىرىپ جاۋابكارلار ماڭا ساتقان قورو جاينى دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇتقا بويرۇپ بەردى، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىجرا ئىدارىسى ئۆينى مەجبۇرى ئاتىخان داۋۇتقا ئېلىپ بەردى. مەن جاۋابكارنى ئىزدەپ مەندىن ئالغان ئۆي پۇلىنى قايتۇرۇشنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام جاۋابكارلار تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ پۇلنى بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ئېلىم-سېتىم توختىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ بېرىشنى، جاۋابكارلاردىن 75000 يۈەننى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ دەۋا قىلدى.

دەۋاگەر ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۈۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇردى.

1. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى تەرەپلەر تۈزۈشكەن بىر پارچە ئېلىم-سېتىم ھۈججتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

2. 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى جاۋابكارلار يازغان بىر پارچە پۇل تاپشۇرۋىلىش ھۈججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

3. يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2013) 1698-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2014) ق ھ ئا 605-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

  جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن:« مېنىڭ ئاتا-ئانامدىن مىراس قالغان يەكەن ناھىيە گۈلباغ يېزا ھەستىپىر كەنتى 1-مەھەللىگە جايلاشقان 3 پۇڭ كۆلەمدىكى قورو جاي بار ئىدى. ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن دادام ئاتىخان داۋۇت بىلەن توي قىلدى. كېيىن دادام تۈگەپ كەتتى. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مەن دەۋاگەر بىلەن ئۆز-ئارا كىلىشىش ئارقىلىق يەكەن ناھىيە گۈلباغ يېزا ھەسىتپىر كەنتى 1-مەھەللىگە جايلاشقان 3 پۇڭ كۆلەمدىكى 5 ئېغىزلىق لاي تام ئۆينى 75000 يۈەنگە كىلىشىپ ساتقان ئىدىم. ئۆي پۇلى 75000 يۈەننى دەۋاگەردىن تاپشۇرۇپ ئالدىم، كېيىن ئۆگەي ئانام ئاتىخان داۋۇت سوت مەھكىمىسىگە مىراس دەۋاسى قىلغاندىن كېيىن يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى (2013) 1698-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقىرىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆينى ئۆگەي ئانام ئاتىخان داۋۇتقا ئېلىپ بېرىپتۇ. دەۋاگەر ئۆينى مەندىن سېتىۋالغان تۇرۇقلۇق ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا بەرمەي ئۆگەي ئانام ئاتىخان داۋۇتقا بېرىپتۇ. مەن دەۋاگەرگە 75000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرمەيمەن»دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

جاۋابكار تۇنىسا تۇرسۇن : « مەن جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇننىڭ ئايالى بولىمەن. ئۆز-ئارا كىلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان ئىش تۇرۇقلۇق دەۋاگەر سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىپتۇ، بىزدە دەۋاگەرگە بەرگۈدەك پۇل يوق » دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇت : « مەن 2010-يىلى 5-ئايدا يولدۇشۇم تۇرسۇن ئەيسا بىلەن نىكاھلانغان ئىدىم. يەكەن ناھىيە گۈلباغ يېزا ھەستىپىر كەنتى 1-مەھەللىگە جايلاشقان 3 پۇڭ كۆلەمدىكى قورو جاينى 2012-سالغان بولۇپ، بۇ قورو جاينى سالغان ۋاقىتتا مەن بار ئىدىم. 2013-يىلى 7-ئايدا يولدۇشۇم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن 2013-يىلى 8-ئايدا مەن يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىيەتنامىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ بېرىش توغرىسىدا دەۋا قىلغاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسى (2013) 1698-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقىرىپ مەزكۇر قورو جاينى ماڭا بويرىغاندىن كېيىن ئىجرا ئىدارىسىدىكى خادىملار 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆينى ماڭا ئېلىپ بەردى. مەن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن ئۆينى دەۋاگەر تېخى سېتىۋالمىغان ئىدى، مەن سوت مەھكىمىسى ئەرز قىلغاندىن كېيىن تۇرغۇن تۇرسۇن ئۆينى دەۋاگەرگە سېتىپتۇ. مېنىڭ دەۋاگەر بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇت جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇن ئەيسا بىلەن 2010-يىلى 5-ئايدا نىكاھلانغان بولۇپ،تۇرسۇن ئەيسا 2013-يىلى 7-ئايدا قازا قىلغان. بۇ ۋاقىتتا تۇرسۇن ئەيسانىڭ يەكەن ناھىيە گۈلباغ يېزا ھەستىپىر كەنتى 1-مەھەللىگە جايلاشقان 3 پۇڭ كۆلەمدىكى قورو جاي مىراس قالغان بولۇپ، ئاتىخان داۋۇت ئۈگەي بالىلار بىلەن كىلىشەلمەي مەھكىمىمىزگە مىراس دەۋاسى قىلغان، 2013-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن ۋە ئايالى تۇنىسا تۇرسۇن مىراسنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ يەكەن ناھىيە گۈلباغ يېزا ھەسىتپىر كەنتى 1-مەھەللىگە جايلاشقان 3 پۇڭ كۆلەمدىكى 5 ئېغىزلىق لاي تام ئۆينى دەۋاگەر ئابلەت ئابلىمىتكە 75000 يۈەنگە سىتىپ ھۈججەتلەشكەن، ھۈججەتتە قايسى تەرەپ يىنىۋالسا %20 خىلاپلىق پۇلى تۈلەشكە پۈتۈشكەن. جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن دەۋاگەردىن ئالدىن 60000 يۈەن ، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 15000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغان. دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇتنىڭ مىراس دەۋاسىنى يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ (2013) 1698-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقىرىپ جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن دەۋاگەرگە ساتقان قورو جاينى دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇتقا بويرۇپ بەرگەن،تۇرغۇن تۇرسۇن نارازىلىق ئەرىز بەرگەندىن كىيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى (2014) 605-نۇمۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۈكۈمنامىسى چىقىرىپ 1-سوت ھۈكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلغان. مەھكىمىمىز ھۈكۈمنى ئىجرا قىلىپ ئۆينى دەۋاگەر ئابلەت ئابلىمىتتىن ئاتىخان داۋۇتقا ئېلىپ بەرگەن. دەۋاگەر جاۋابكارغا ئۆي پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا جاۋابكارلار رەت قىلغان سەۋەپتىن دەۋاگەرنىڭ ئۆي ئېلىم-سېتىم توختىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ بېرىشنى، جاۋابكارلاردىن 75000 يۈەننى ئېلىپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە دەۋا قىلغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر تاپشۇرغان 3 تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات ۋە تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى ۋە سوت خاتىرىسى ئارقىلىق بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن دادىسى تۇرسۇن ئەيسادىن مىراس قالغان 3 پۇڭ كۆلەمدىكى 5 ئېغىزلىق ئۆينى دەۋاگەر ئابلەت ئابلىمىتكە 75000 يۈەنگە سىتىپ ھۈججەتلىشىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇت مىراس ماجراسى قىلىۋاتقان ئەھۋالدا جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن ۋە ئايالى نۇرنىسە تۇسۇن ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتمىگەن ھەم مىراس دەۋاسى بۇلۇۋاتقان ئۆينى ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى كۈزلەپ دەۋاگەرئابلەت ئابلىمىتگە ساتقان. مەھكىمىمىز ھۈكۈم ئارقىلىق دەۋا نىشانىدىكى ئۆينى ئاتىخان داۋۇتقا بۇيرۇپ بەرگەن،ھۈكۈم قانۇنى كۈچقا ئىگە بۇلۇپ ھۈكۈم ئىجرا قىلىنغان. بۇ ۋاقىتتا جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن ھەقىقى ئەھۋالنى دەۋاگەرگە ئىيىتمىغان ھەم دەۋاگەرگە پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار تۇرغۇن تۇرسۇن ئوتتۇرسىدىكى ئۆي ئىلىم-سىتىم توختىمى كۈچكە ئىگە بولمىغان توختام بولۇپ دەۋاگەرنىڭ توختامنى كۈچتىن قالدۇرۇپ بەرسۇن دىگەن تەلىپىنىڭ ئاساسى بار قوللاشقا بۇلىدۇ. جاۋاپكار تۇرغۇن تۇرسۇن ۋە تۇنىسا تۇرسۇن (ئەر-ئايال) دەۋاگەردىن تاپشۇرۇپ ئالغان 75000 يۇەننى دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك.

جاۋاپكارلارنىڭ دەۋاگەر ئۆينى مەندىن سېتىۋالغان تۇرۇقلۇق ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا بەرمەي ئۆگەي ئانام ئاتىخان داۋۇتقا بېرىپتۇ.مەن دەۋاگەرگە 75000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرمەيمەن دىيىشىنىڭ ئاساسى يوق،قوللاشقا بۇلمايدۇ، رەت قىلىشقا تىگىشلىك. دەۋادىكى 3-كىشى ئاتىخان داۋۇت بۇ دىلۇدا ھەق-تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى توختام  قانۇنى»نىڭ 52-ماددا 4-تارمىقى،58-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن تۈۋەندىكىچە ھۈكۈم قىلىندى:

   1. دەۋاگەرئابلەت ئابلىمىت بىلەن جاۋاپكار تۇرغۇن تۇرسۇن ۋە تۇنىسا تۇرسۇن ئوتتۇرسىدىكى ئۆي ئىلىم-سىتىم توختىمى كۈچتىن قالسۇن.

   2 . جاۋاپكار تۇرغۇن تۇرسۇن ۋە تۇنىسا تۇرسۇن (ئەر-ئايال) ئۆينىڭ پۇلى 75000 يۇەننى دەۋاگەرئابلەت ئابلىمىتگە ھۈكۈمنامە قانۇنى كۇچكە كىرگەن ھامان قايتۇرۇپ بەرسۇن.

   3. دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 837.50 يۇەننى جاۋاپكار تۇرغۇن تۇرسۇن ۋە تۇنىسا تۇرسۇن ئۈستىگە ئالسۇن.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرز كۆچۈرمىسىدىن 6 نۇسخا يىزىپ 2. سوت دەۋا ھەققىنى قوشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ.

           سوتچى : ئابدۇقادىر نۇر

           

      

           2016-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

           پۈتۈكچى :  روشەنگۈل ئالىم

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1654067 位访客