添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 1127-نۇمۇرلۇق

作者:玛依努尔尼牙孜  2016-07-22 16:46:39


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

        

                     (2016) ش 3125 ھ د 1127-نۇمۇرلۇق

   دەۋاگەر: تۇرسۇنجان مەمەت

جاۋاپكار: ياسن جامال

مەھكىمىمىز دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەتنىڭ جاۋاپكارياسىن جامال ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان قەرىز-مۇئامىلە ماجراسى دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە سوتچى ماھىنۇر نىياز تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى،بۇ دىلودىكى دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەت جاۋاپكار ياسىن جاماللار سوتقا كىلىپ داۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى .

  دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەت  مەھكىمىمىزگە: « مەن جاۋاپكار  ياسىن جامالنىڭ ئويىدە خوشنا ئولتۇرۇپ تىجارەت قىلىش جەرياندا  جاۋاپكارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن جاۋاپكارغا  2012-يىلدىن باشلاپ  بىر قانچە قېتمىدا 29500 يۇەن قەرز بېرىپ تۇرغان ئىدىم، جاۋاپكار 2014-يىلى 6-ئايىنڭ10-كۇنى بۇ قەرىز پۇلغا ھۆججەت يىزىپ بەرگەن ئىدى، ئاردىن بىر ئاي ئوتكەندىن كىين ھۆججەت ئالماي 500يۇەن قەرىز بىرىپ تۇردۇم،2012-يىلى،2013 —يىللىرى ياسىن جامالنىڭ تەلىۋى بويچە بەش توننا كومۇرنى نىسى بەرگەچ تۇرغان ئىدىم ، بۇ كومۇرنىڭ پۇلى 3000يۇەن بولاتتى، جاۋاپكار ياسىن جامالدا قەرىز بەرگەن نەخ پۇل ۋەنىسى بەرگەن كۆمۇر پۇلى بولۇپ جەمئى 33مىڭ يۇەن پۇلۇم بار بولۇپ بۇ پۇلنى كوپ قىتم سۈيلىگەن بولساممۇ جاۋاپكار ئورۇنسىز باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتپ تا ھازىرغىچە پۇلۇمنى بەرمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ جاۋاپكار ياسىن جامالدىن 33مىڭ يۈەن پۇلۇمنى ئىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ ئىلىپ بەرسە » دەپ دەۋا قىلدى .

جاۋاپكار ياسىن جامال دەۋاگەرنىڭ ئەرىزىگە قارىتا : « دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەتكە ئويۇمنىڭ ئالددىكى بوش يەرنى كومۇر چۇشۇرۇپ سىتىۋىلىشى ئۇچۇن ئىجارە بىرش جەرياندا تونۇشۇپ بىر قانچە قىتمغا بولۇپ جەمئى 30 مىڭ يۇەن نەخ پۇل قەرىز ئالغانلىقم راسىت،2012-يىلى 2013-يىللىرى قىشتا جەمئى ئۇچ توننا كومۇرنى نىسى ئىلپ ئىشلەتكەچ تۇرغان ، بىراق ئوتتۇرىمىزدا ئوي ئىجارىسى تۇپەيلىدىن تالاش-تارتىش بولغاچقا بۇ پۇلنى ھازىرغىچە بەرمىگىنم راسىت، ھازىر  دەۋاگەرگە بەرگۈدەك پۇل يوق، دەۋاگەر ماڭا مۆھلەت بەرسە بۇ پۇلنى موھلەتكە  بۆلۈپ قايتۇرسام» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

  سوتتا تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە: دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەت 2012-يىلىدىن باشلاپ جاۋاپكار ياسىن جامالنىڭ يەكەن بازىرى چاسا ئىجتىماھى رايۇن8-مەھەللە تەۋەسىدىكى زىمن ئويدە ئوي ئىجارە ئىلپ ئولتۇرۇپ ئوينىڭ ئالدىدىكى بوش يەرگە كومۇر چۇشۇرۇپ  سىتىپ تىجارەت قىلغان ۋە بۇ جەرياندا جاۋاپكار ياسىن جامالىغا بىر قانچە قىتمىدا 29500يۇەن قەرىز بىرىپ تۇرغان ، جاۋاپكار ياسىن جامال بۇ قەرىز پۇلغا قارىتا 2014-يىلى 6-ئايىنڭ10-كۇنى« تۇرسۇنجان كومۇرچىدىن 29500يۇەن قەرىز ئالدىم »دەپ قەرىز ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن ، ھۆججەت يىزىلغاندىن كىين يەنە 500يۇەن قەرىز ئالغان ، جەمئى 30مىڭ يۇەن نەخ پۇل قەرىز ئالغان ، شۇنداقلا 2012-يىلى، 2013-يىلى قىشتا جاۋاپكار ياسىن جامال دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەتتىن ئۇچ توننا كومۇرنى نىسى ئىلپ ئىشلىتپ پۇلنى بەرمىگەنلىكىتن دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەت جاۋاپكارياسىن جامالدىن قەرىز بەرگەن 30مىڭ يۇەن نەخ پۇلنى ۋە نىسى قالغان بەش توننا كومۇر پۇلنى  ئىلىپ بېرىشنى  تەلەپ قىلپ مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلغان قاتارلىق پاكىتلار ئىنىقلاندى.

  يۇقارقى پاكىتلار تۆۋەندىكى دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن  بىكىتىلدى: 

  1-جاۋاپكارياسىن جامالنىڭ 2014-يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنى  ئۆز قەلمى بىلەن يازغان بىر پارچە قەرىز ھۆججەتنىڭ ئەسلى نۇسخسى.

  2- دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانى ۋە سوت خاتىرىسى.

  مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: قانۇنلۇق قەرىز مۇناسىۋېتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ،دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەتنىڭ دەۋا تەلىۋىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان جاۋاپكارياسىن جامال ئوز قەلىمى بىلەن يازغان  قەرىز ھۆججەتگە ۋە سوتتىكى ئىتراپ قىلغان بايانغا ئاساسەن 30مىڭ يۇەننى تەلەپ قىلىشىنىڭ پاكىت ئاساسى ۋە قانۇنى ئاساسى بار بولۇپ قوللاشقا بولىدۇ،  نىسى ساتقان كومۇرنىڭ توننا سانى باشتا بىردەك بولمىغان بولىسمۇ دەۋاگەر سوتنىڭ مۇرەسسە باسقۇچىدا دەۋا تەلىۋىنى ئوزگەرتىپ ئۇچ توننا دەپ بىكىتشكە قوشۇلغان بولغاچقا بۇ ئۇچ توننا كومۇرنىڭ باھاسىنمۇ شۇ چاغدىكى بازار باھاسى بويىچە توننسنى 600يۇەندىن 1800يۇەن دەپ بىكىتشكە بولىدۇ ، بۇنى جاۋاپكارمۇ ئىتراپ قىلدۇ ، دەۋاگەرنىڭ كومۇر پۇلى ئۇچۇن 1800يۇەن قوشۇپ 31800يۇەن ئىلپ بەرسۇن دىگەن پىكىرنى قوللاشقا بولىدۇ ، جاۋاپكارياسىن جامالنىڭ دەۋاگەر بىلەن ئوي ئىجارە بىرش جەرياندا ئىجارە ھەققى مەسلىسىدە ئوتتۇرىمىزدا ھىساپ كىتاپ ئىنق بولمىغان ، مىنىڭ مۇقىم كىرىمىم يوق ، دەۋاگەرنىڭ پۇلنى ھازىر بىرەلمەيمەن دىگەن تەلىپپىنىڭ پاكىت ئاساسى ۋە قانۇنى ئاساسى يوق، رەت قىلىش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى» نىڭ 90-، 108-ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

    1-جاۋاپكار ياسىن جامال زىلمسىدىكى 31800يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ، ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىين بىر ئاي موھلەت ئىچىدە دەۋاگەر تۇرسۇنجان مەمەتكە بەرسۇن.

   دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 312.50يۈەننى جاۋاپكار ياسىن جامال ئۈستىگە ئىلىپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرسۇن.

  ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرىز كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسقا يىزىپ ئىككىنجى سوت دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ .

       سوتچى : ماھىنۇر نىياز

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى

پۈتۈكچى : روشەنگۈل ئالىم

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1651612 位访客