添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 1177-نۇمۇرلۇق

作者:玛依努尔尼牙孜  2016-07-22 16:48:14


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

        

                     (2016) ش 3125 ھ د 1177-نۇمۇرلۇق

 دەۋاگەر: ئابلىمىت ئابدۇراخمان

    جاۋاپكار: ئابدۇقادىر مەمەت

    مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخماننىڭ جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان قەرىز-مۇئامىلە ماجراسى دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە سوتچى ماھىنۇر نىياز تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى،بۇ دىلودىكى دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخمان  جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەتلەر سوتقا كىلىپ داۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى .

  دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخمان  مەھكىمىمىزگە: « مەن 2014-يىلى 8-ئايدا جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەتكە ئۆيۇمنىڭ بىزەكچىلىك ئىشىنى ھوددە بىرىپ ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بانىكا ھىساپ كارتسىغا ئالدىن 17 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن ئىدىم، ئابدۇقادىر مەمەت ئويۇمنىڭ بىزەكچىلىك ئىشنى دىگەن ۋاقىتتا قىلماي ئوتتۇرىمىزدىكى بىزەكچىلىك توختامى ئەمەلدىن قالغاندىن كىين ئۇ ئۆيۇمنىڭ ھاجەتخانىسنڭ سۇتۇرۇبلىرنى يۇرۇشتۇرۇش ۋە سىرچىلىق ئىشلىرىنى قىلىش ئۇچۇن سىتۋالغان سىر قاتارلىقلارنى ھىساپلاپ چىقىرۋىپ ماڭا 2015-يىلى 11-ئايىنڭ15-كۇنى زىلمىسىدە قالغان 9000يۇەننى 2016-يىلى 1-ئايىنڭ1-كۇنى قايتۇردىغان ، ئەگەر دىگەن مۆھلەتتە قايتۇرمىسا ھەر كۇنىگە 100يۇەندىن قوشۇپ قايتۇردىغان بولۇپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن بولسىمۇ بۇ پۇلنى ھازرىغىچە بەرمىدى ، شۇڭا سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارئابدۇقادىر مەمەتتىن زىلمىسىدە قالغان 9000 يۇەن ۋە بۇ پۇلنىڭ 2016-يىلى 1-ئايىنڭ 1-كۇندىن ھازىرىغچە ئوتۇپ كەتكەن 102كۇنى ئۇچۇن  10200يۇەننى قوشۇپ 19200 يۈەن  ئىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ ئېلىپ بەرسە » دەپ دەۋا قىلدى.

جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت دەۋاگەرنىڭ ئەرىزىگە قارىتا : « مىنىڭ 2014-يىلى 8-ئايدا دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخماننىڭ ئوينىڭ بىزەكچىلىك ئىشنى 32مىڭ يۇەنگە ھۆددە ئىلپ ئالدىن 17مىڭ يۇەن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقم راسىت ،مەن بۇ پۇلدىن 3000يۇەن خەژلەپ سۇتۇرۇبا يوللىرنى راۋانلاشتۇردۇم ،3000يۇەنگە سىر سىتۋالدىم ، 3000يۇەنگە تازلىق ئويىگە چىنە قىش بىسىش ھەققى تولىدىم ،بىزەكچىلىك ئىشى تىخى تۇگمەيلا دەۋاگەر توختامنى بىكار قىلپ ئىشنى مەن تەكلىپ قىلپ ئەكەلگەن سىرچىغا قىلغۇزدى ، شۇنداق بولسمۇ 2015-يىلى 11-ئايىنڭ15-كۇنى دەۋاگەرنىڭ قەرىز قايتۇرۇشقا قىستىشى بىلەن دەۋاگەرنىڭ قورۇسى ئىچىدە دەۋاگەر ئوزى يازغان 9000 يۇەنلىك قەرىز ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ بەرگەنلىكىم راسىت، بىراق ھازىرمەندە پۇل يوق، بۇ پۇلنى مۆھلەت بەرسە مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرسام » دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

  سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخمان 2014-يىلى 8-ئايىنڭ 3-كۈنى ئۆزىنىڭ يەكەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەت ئائىلە قورۇسى ئىچىدىكى ئولتۇراق ئۆينىڭ قىسمەن بىزەكچىلىك ئىشلىرىنى جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەتكە 32 مىڭ يۈەنگە ھۆددە بېرىپ جاۋاپكارغا 2014-يىلى 8-ئايىنڭ4-كۇنى ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ئالدىن 17مىڭ يۇەن بەرگەن، جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ توختامدىكى مۇددەت ئىچىدە ئىشنى قىلپ تۈگەتمىگەنلىكتىن تەرەپلەر بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرىدىكى ھىساپ-كىتاپنى قىلىشپ ئەڭ ئاخىرىدا 2015-يىلى 11-ئايىنڭ 15-كۇنى جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخماندىن 2014-يىىل 8-ئايىنڭ4-كۇنى ئالغان 17مىڭ يۇەندىن قايتۇرۇشقا تىگىشلىك 9000يۇەننى 2016-يىلى 1-ئايىنڭ1-كۇندىن بۇرۇن قايتۇرىمەن، ئەگەر دىگەن ۋاقىتتا قايتۇرمىسام ئوتۇپ كەتكەن كۇنى ئۇچۇن كۇنگە 100يۇەندىن قوشۇپ قايتۇرىمەن دەپ دەۋاگەر يازغان قەرىز ھۆججىتگە ئىمزا قويغان بولىسمۇ بۇ پۇلنى تاھازىرغىچە بەرمىگەنلىكىتن دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخمان 9000يۇەن پۇلنى ۋە ئوتۇپ كەتكەن 102كۇن ئۇچۇن ھۆججەتتە يىزىشقان پۇتۇم بويىچە كۇنىگە 100يۇەن قوشۇپ ئىلپ بىرشنى تەلەپ قىلپ  مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلغان قاتارلىق پاكىتلار ئىنىقلاندى.

  يۇقارقى پاكىتلار تۆۋەندىكى دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن  بىكىتىلدى: 

  1- 2015-يىلى11-ئايىنڭ15-كۇنى دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخمان تەرپىدىن يىزىلغان جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت ئىمزا قويغان 9000يۇەنلىك بىر پارچە قەرىز ھۆججەتنىڭ ئەسلى نۇسخسى.

  2- دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانى ۋە سوت خاتىرىسى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: قانۇنلۇق قەرىز مۇناسىۋېتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ،دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخماننىڭ  دەۋا تەلىۋىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت ئىمزا قويغان   قەرىز ھۆججەتگە ۋە سوتتىكى ئىتراپ قىلغان بايانغا ئاساسەن جاۋاپكارنىڭ زىلمىسىدىكى 9000 يۇەننى تەلەپ قىلىشىنىڭ پاكىت ئاساسى ۋە قانۇنى ئاساسى بار بولۇپ قوللاشقا بولىدۇ، دەۋاگەر تەرەپلەر ئوتتۇرسدىكى قەرىز ھۆججتىدە يىزىلغان پۇتۇم بويىچە پۇلنى قايتۇردىغان قەرەلى ئوتۇپ كەتكەندىن كىينكى ئوسۇمى ئۇچۇن كۇنىگە 100يۇەندىن 10200يۇەن قوشۇپ تولەپ بىرشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ بۇ ئوسۇم پۇلنىڭ دىردىن كۆرنەرلىك ئىشپ كەتكەن بولغاچقا قانۇن بويىچە قوللاشقا بولمايدۇ، بۇ پۇلنىڭ ئوسۇمىنى ھىساپلاشتا  «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ئەل ئىچى قەرىز دىلولىرىنى سوتلاشتىكى قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە بەلگۇلمىسىنىڭ 29-ماددا 1-تارمىقنىڭ بەلگۇلمىسى بويىچە بۇ قەرىز پۇلنىڭ ئوسۇمنى مۇددەت توشقان كۇندىن باشلاپ يىللىق ئۆسۇمنى ٪6تىنى ھىساپ بىكىتشكە بولىدۇ ،يەنە 9000يۇەننىڭ يىللىق540يۇەن بۇ ئوسۇمنىڭ 4ئايىلق ئوسۇمى 180يۇەن   (9000×6%÷12×4=180 )نى قوشۇپ جەمئى 9180يۇەننى جاۋاپكار ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك ، جاۋاپكارنىڭ ھازىر مەندە پۇل يوق بۇ پۇلنى مۆھلەتكە بولۇپ قايتۇرسام دىگەن پىكىرنى قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىش كىرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى» نىڭ 90-، 108-ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ئەل ئىچى قەرىز دىلولىرىنى سوتلاشتىكى قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە بەلگۇلمىسى »نىڭ 29-ماددا 1-تارمىقنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

    1-جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت دەۋاگەرگە تولەشكە تىگىشلىك 9000يۇەنگە ئوسۇمى 180يۇەننى قوشۇپ جەمئى 9180يۇەننى ئۈستىگە ئېلىپ، ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان  دەۋاگەر ئابلىمىت ئابدۇراخمانغا بەرسۇن.

   دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى106.25 يۈەننى جاۋاپكار ئابدۇقادىر مەمەت ئۈستىگە ئىلىپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرسۇن.

   ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرىز كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا يىزىپ ئىككىنجى سوت دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ .

                  سوتچى : ماھىنۇر نىياز

2016       -يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى

        پۈتۈكچى : روشەنگۈل ئالىم

      

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1653968 位访客