添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 1314-نۇمۇرلۇق

作者:玛依努尔尼亚孜  2016-07-22 16:49:48


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                      (2016) ش 3125 ھ د 1314-نۇمۇرلۇق

  دەۋاگەر: نۇرمەمەت سىدىق

جاۋاپكار: مەمەتتۇرسۇن مەترىھىم

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىقنىڭ جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەترىھم ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئۆتۈنۈپ بېرىش توختام ماجراسى دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە سوتچى ماھىنۇر نىياز تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى، دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەترىھىملار سوتقا كىلىپ داۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى .

  دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق مەھكىمىمىزگە: « مەن 2014-يىلى5-ئايىنڭ13-كۇنى جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىمنىڭ يەكەن ناھىيە تومئوستەڭ يىزا خانئىرىق كەنىتى 3-مەھەللىگە جايلاشقان 950كۇۋادىرات مىتىر كولەمىدىكى پارنكىنى 55000يۇەنگە سودىلىشپ 35000يۇەن بەردىم،پارنكىنى رىمونت قىلىش ئۈچۈن 3000يۇەنلىك خىش سىتۋىلپ پارنكىنىڭ قىشغا ئاپىرىپ توكتۇم بىراق جاۋاپكار پارنكىنى ماڭا بىكارلاپ بەرمىدى ياكى پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ جاۋاپكار ئوتتۇرىمىزدىكى توختامنى كۈچتىن قالدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرگە جاۋاپكاردىن پارنك پۇلى ئۈچۈن بەرگەن 35000 يۈەن، خىش پۇلى 3000 يۇەن، توختامىغا خلاپلىق قىلىش پۇلى 10 مىڭ يۇەن بولۇپ جەمئى 48000 يۇەن ئالدۇرۇپ بەرسە » دەپ دەۋا قىلدى .

جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىم دەۋاگەرنىڭ ئەرىزىگە قارىتا : « 2014-يىلى 5-ئايىنڭ13-كۇنى دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىققا ئوزەمنىڭ يەكەن ناھىيە تومئوستەڭ يىزا خانئىرىق كەنىتى 3-مەھەللىدىكى 950كۇۋادىرات مىتر كولەمىدىكى پارنىكمىنى 55000يۇەنگە ئوتۇنۇپ بىردىغانغا ھۆججەتلىشپ سودا بولغان كۇنى 10مىڭ يۇەن ، ھەپتىدىن كىين 23000يۇەن جەمئى ئىككى قىتمىدا 33000يۇەن پۇل تاپشۇرۇپ ئالغانلقم راست، بىراق دەۋاگەر ئۆتۈنۇپ بىرىش توختامىدا يىزىشقان پارنىكنى ئوتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋاقىت توشماستا مىنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمەيلا پارنىكنى ئوڭشايمەن دەپ خىش ئەكىلىپ تام سالغاندا پارنىكتىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىۋاتقان لوكەي دى ئۇنىڭ تام سىلىشغا يول قويماپتۇ، دەۋاگەر بۇنىڭدىن رەنجىپ ماڭا پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بىرىڭ، پارنكىنى ئالمايمەن دىگەن ئىدى، مەن دىيىشكەن ۋاقىتقىچە پارنكىنى بىكارلىتپ بىرەي، پۇلنىڭ كەم قالغان قىسمىنى بېرىڭ دىسەم دەۋاگەر قوشۇلماي سودىدىن ئۆزى يېنىۋېلىپ كېتىپ قالدى، مەن توختامغا خىلاپلىق قىلمىدىم ھەم دەۋاگەرنى خىش ئەكلىڭ دىمىدىم، شۇڭا توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى 10مىڭ يۇەن بىلەن خىش پۇلى 3000 يۈەننى ئۈستۈمگە ئالمايمەن، 33000 يۇەننلا قايتۇرۇپ بىرىمەن » دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

سوتتا تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە: دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق 2014-يىلى 5-ئايىنڭ13-كۇنى جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىمنىڭ يەكەن ناھىيە تومئوستەڭ يىزا خانئىرىق كەنىتى 3-مەھەللىسىگە جايلاشقان كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى 950كۇۋادىرات مىتىر كولەمىدىكى سەي كوكتات تىريىدىغان پارنكىنى ئوتۇنۇپ ئالماقىچى بولۇپ تەرەپلەر كەنىت كومىتىتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا بۇ پارنكىنى 55000يۇەنگە سودىلىشپ دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق 10مىڭ يۇەننى نەخ بەرگەن ۋە قالدى پۇلنىڭ 25مىڭ يۇەننى 2014-يىلى 5-ئايىنڭ20-كۇنى ، يەنە قالغان 20مىڭ يۇەننى 2014-يىلى 7-ئايىنڭ30-كۇندىن بۇرۇن بىردىغان، پارنكىتنىڭ ئىگدارلىق ھوقۇقى ئوتتۇردىكى مۇئامىلە تولۇق ئۇزۇلگەندىن كىين دەۋاگەرگە ئوتىدىغان، قايسى تەرەپ سودىدىن يېنىۋالسا 10مىڭ يۇەن توختامىغا خلاپلىق قىلىش ھەققى قوشۇپ تولەيدىغان، توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى پۇلنى تولۇق تولەپ بولغاندىن كىين كۇچكە ئىگە بولدىغان، ئەگەر دەۋاگەر دىيىشكەن مۇددەتتە پۇلنى بەرمىسە بەرگەن پۇلنىڭ ئىزنى قايتۇرۋالدىغان بولۇپ ھۆججەتلەشكەندىن كىين دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق 2014-يىلى 5-ئايىنڭ22-كۇنى جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىمىغا يەنە 23مىڭ يۇەن نەخ پۇل بىرىپ جاۋاپكاردىن ھۆججەت ئالغاندىن كىين 2014-يىلى 6-ئايدا پارنكىنىڭ قىشغا خىش ئەكلىپ پارنكىنى رىمۇنۇت قىلدۇرۇش ۋە پارنكقا قارايىدىغان ئوي سالماقىچى بولۇپ تام سىلۋاتقاندا پارنكىنى شۇ ۋاقىتدا جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىمدىن ئىجارە ئىلپ تىرۋاتقان لوكەي دى ئىسملىك دىھقان دەۋاگەرنى بۇ پارنكىنى مەن ئىجارە ئالغان ، تام سىلپ كۇن نۇرنى توسۋالىسىڭىز كوكتاتلىرىم ئوسمەيدۇ دەپ تام سىلىشتىن توسقاندىن كىين دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىمغا پارنكىنى ئالمايدىغانلقنى ئىيىتپ پۇلنى قايتۇرۇپ برىشنى تەلەپ قىلغاندا جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىم ئوتۇنۇپ برىش توختامىدا پارنىكنى سىزگە ئوتكۇزۇپ بىرشنى پۇتۇشكەن ۋاقىت تىخى توشمىدى ، پۇلنىڭ قالدى قىسمنى بەرسىڭىز پارنكىنى بىكارلىتپ بىرىمەن دەپ دەۋاگەرنىڭ پۇلنى قايتۇرمىغاندىن كىين دەۋاگەر مەھكىمىمىزگە توختامىنى كۇچتىن قالدۇرۇپ بىرشنى ۋە جاۋاپكاردىن پارنىك ئۇچۇن بەرگەن 35مىڭ يۇەن ، خىش پۇلى 3000يۇەن ، توختامىغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى 10مىڭ يۇەن جەمئى 48000يۇەننى ئالدرۇپ بىرشنى تەلەپ قىلپ مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلغان قاتارلىق پاكىتلار ئىنىقلاندى.

  يۇقارقى پاكىتلار تۆۋەندىكى دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن  بىكىتىلدى: 

  1- تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۇنى يىزىلغان بىر پارچە پارنىك ئۆتۆنۈپ بېرىش ھۆججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخسى.

  2- جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەترىھىم 2014-يىلى 5-ئايىنڭ 22-كۇنى يازغان 22000يۇەن پۇل تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ھۆججتىنىڭ ئەسلى نۇسخسى

3-گۇۋاھچى لوكەي دىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى

4- دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانى ۋە سوت خاتىرىسى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىمنىڭ يەكەن ناھىيە تومئوستەڭ يىزا خانئىرىق كەنىتى 3-مەھەللىسىگە جايلاشقان كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى 950كۇۋادىرات مىتىر كولەمىدىكى پارنكىنى 55000يۇەنگە سودىلىشپ توختام تۇزۇپ ئۆتۈنۈپ ئالغان. جاۋاپكار كەنىت كومىتىتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا  كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى پارنكىنى دەۋاگەرگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بۇلۇپ ،تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى توختام قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردىكى يەر باشقۇرۇشقا دائىر بەلگۈلىمىلەرگە خىلاپ تۈزۈلگەن توختام بولۇپ، كۈچىنى بىكىتىشكە بۇلمايدۇ، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ توختامىنى كۇچتىن قالدۇرۇپ بەرسۇن دىگەن تەلىپىنىڭ ئاساسى بار قوللاشقا بۇلىدۇ. دەۋاگەر جاۋاپكاردىن پارنىك پۇلى ئۇچۇن بەرگەن 35000يۇەن، خىش پۇلى 3000يۇەن ، توختامىغا خلاپلىق قىلىش پۇلى 10مىڭ يۇەن جەمئى 48000يۇەن ئالدۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بۇلسىمۇ، جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىم دەۋاگەردىن 33000 يۇەن تاپشۇرۇپ ئالغان بولغاچقا جاۋاپكار 33000يۇەننى دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىققا قايتۇرۇشقا تىگىشلىك؛   دەۋاگەر پارنىكنى رىمۇنۇپ قىلىش ئۇچۇن 3000 يۇەن قىممىتىدە خىش ئەكلىپ توككەن بولۇپ، سوتتا دەۋاگەر پارنىكقا توككەن خشىنى ئوزى ئەكىتىدىغانلقنى ئوتتۇرغا قويغان بولغاچقا خشنى دەۋاگەر ئەكىتپ ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇ توختام باشتىلا كۈچكە ئىگە بۇلمىغاچقا دەۋاگەرنىڭ توختامىغا خلاپلىق قىلىش پۇلنى تەلەپ قىلىشنىڭ پاكىت ئاساسى ۋە قانۇنى ئاساسى يوق ، قوللاشقا بۇلمايدۇ، رەت قىلىشقا تىگىشلىك  دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»نىڭ7- 52-ماددا 5-تارمىقى ، 58-ماددسنىڭ بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن توۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلندى .

1- دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىم ئوتتۇرسدىكى پارنىك ئوتۇنۇپ بىرش توختامى كۇچتىن قالدۇرۇلدى.

2-جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىم دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىقتىن تاپشۇرۇپ ئالغان پارنىك پۇلى 33000 يۇەننى ھۆكۇم قانۇنى كۇچكە كىرىپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىققا تۈلىسۇن.

3- دەۋاگەرنىڭ باشقا تەلىپى رەت قىلنسۇن .   

   دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 500يۇەندىن جاۋاپكار  مەمەتتۇرسۇن مەتىرىھىم 312.50يۇەننى، دەۋاگەر نۇرمەمەت سىدىق 187.50 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرسۇن.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرىز كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسقا يىزىپ ئىككىنجى سوت دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ .

                سوتچى : ماھىنۇر نىياز

           2016-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى

              پۈتۈكچى : روشەنگۈل ئالىم

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1662644 位访客