添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 321-نومۇرلۇق

作者:牙森麦合木提  2016-07-22 16:51:27


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3125 ھ د 321-نومۇرلۇق

    دەۋاگەر: مەمەتئىمىن روزى

جاۋابكار: ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان

دەۋدىكى ئۈچىنجى كىشى : ئابدۇكىرەم ئابلىز

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچسى :ئابدۇلاجان ئابدۇكىرەم، ئەر، ئۆزبىك ، 1983-يىلى 3-ئاينڭ 3-كۇنى تۇغۇلغان،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىسگە ئىگە ، تىجارەتچى، يەكەن ناھيە يەكەن بازار ئالتۇن يولى ئىجتماي رايۇن 1-مەھەللدە ئولتۇرشلۇق .

   مەھكىمىمىز دەۋاگەرمەمەتئىمىن روزىنڭ جاۋابكار ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان، ئابدۇكىرەم ئابلىز ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ئىلىم –سىتم  توختام ماجرا دىلوسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بۇيىچە سوتچى ياسىن مەخمۇت تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەرمەمەتىئىمن روزى جاۋابكار ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان، ئابدۇكىرەم ئابلىزنڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچسى ئابدۇلاجان ئابدۇكىرەم  سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دېلۇ سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەرمەمەتئمىن روزى مەھكىمىمىزگە: « مىنڭ يەكەن بازار مەدەنيەت باغچىسىنڭ شەرىق تەرىپدىكى يول بويدا زىمىن دۇكىنم بولۇپ بۇ دۇكاننڭ يىندا ئابدۇكىرەم ئابلىزنڭ 14.47 كۇۋادىرات مىتر كۆلەمدىكى دۇكىنى بولۇپ مەن سىتۋلىشنى ئويلاپ ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمانغا بۇ دۇكاننى ماڭا ئىلپ بىرىڭ دىسەم ماقۇل دىدى، ئىككى كۇن ئوتكەندىن كىين ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان مەن بۇ دۇكاننى 100 مىڭ يۈەنگە سىتۋالدىم، پايدىسىنى بىرىپ ئالىسلا دىگەن ئىدى، 2015-يىلكى 7-ئاينڭ 16-كۇنى بۇ دۇكاننى ئابدۇكىرەم ئابدۇراخماندىن 120 مىڭ يۈەنگە سىتۋلىپ پۇلنى نەق بەرگەن ئىدىم، ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان 14.47 كۇۋادىرات مىتر كۆلەمدىكى ئابدۇقەييۇم ئەنۋەر نامدىكى ئۆي –مۈلۈك گۇۋانامسىنى 2015-يىلى 7-ئاينڭ 11-كۇندىكى ئابدۇكىرەم ئابلىز بىلەن ئۆزى ئۆتتۇرسىكى ئىلىم –سىتم ھۆججتىنى ماڭا بەرگەن ئىدى، مەن دۇكاندىن پايدىلىنپ بولغۇچە دۇكان ھۆكۇمەتىنڭ يول قۇرلۇشىغا چىقىپ كەتتى،مەن دۇكانندىن پايدىلىنالمىدىم ،ئىلككى جاۋابكار ئۆز ئارا ئىلىم –سىتم قىلشىپ ، تىل بىرىكتۇرۋىلىپ مىنى ئالداپ دۇكىننى ماڭا سىتپتۇ، شۇڭا سوت مەھكىسمى تەكشۇرۇپ مەن بىلەن ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان تۇزگەن ئىلىم –سىتم سودىسىنى كۈچىتن قالدرۇپ دۇكان سىتۋالغاندا بەرگەن 120 مىڭ يۈەننى قايتۇرپ ئىلپ بەرسە »دەپ داۋا قىلىدى .

جاۋابكار ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان :« مەن ئابدۇكىرەم ئابلىزدىن بۇ دۇكاننى 100 مىڭ يۈەنگە سىتۋالغان ئىدىم، مەن ستۋالغان چاغدا دۇكاننڭ چىقىلپ كىتىشنى بىلەتتىم، مەن ئەينى چاغدا دۇكان چىقىلپ 7 كۇۋادىرات مىتر ئەتراپدا قالدۇ دەپ سىتۋالغان ئىدىم، مەن دۇكاننى سىتۋىلپ دۇكاننىڭ ئۈستنى ئىچىپ تۇرغاندا دەۋاگەر ئۆتتۇرىغا نۇرئەخمەتجان دىگەن ئادەمنى قويۇپ دۇكاننى ماڭا سىتپ بىرىڭ دىگەن ئىدى، مەن دەۋاگەرگە دۇكاننى 120 مىڭ يۈەنگە ساتتىم، دۇكان ئۇرننى مەن ئىلۋالمدىم، بازارلىق ھۆكۇمەت ئىلپ دۇكان ئۇرنغا يول ساپتۇ، شۇڭا دەۋاگەر بازارلىق ھۆكۇمەت ئۈستدىن دەۋا قىلسا مەن دەۋاگەر بىلەن تۇزگەن توختام كۇچكە ئىگە،پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەيمەن » دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

دەۋادىكى ئۇچىنجى كىشى ئابدۇكىرەم ئابلىزنڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچسى ئابدۇلاجان ئابدۇكىرەم :«مەمەتئىمىن روزى بىلەن ئۆتتۇرىمزدا ھىچقانداق ئىلىم –سىتم مۇناسۋىتى يوق، بىز مەمەتئىمن روزىغا دۇكان ساتمغان بەلكى ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمانغا دۇكان ساتقان شۇڭا دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپنى رەت قىلپ بىرشنى سورايمەن »دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

سوتتا تەكىشۇرۇپ ئېنقلىشمىزچە : دەۋا نىشاندىكى يەكەن ناھيە يەكەن بازار سارايكول ئىجتماي رايۇن قاساپ بازىرى يول ئۈستگە جايلاشقان ئابدۇقەييۇم ئەنۋەر نامدىكى بىر ئىغىز 14.47 كۇۋادىرات مىتر دۇكاننڭ ئەمەلى ئىگدارلىق قىلغۇچسى ئابدۇكىرەم ئابلىز بولۇپ ، ئابدۇكىرەم ئابلىز بۇ دۇكاننى ساتماقچى بولۇپ دەۋاگەر بىلەن دۇكان ئىلم –سىتم ئىشنى دىيشكەن بولسمۇ باھادا كىلشەلمەي ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمانغا 100 مىڭ يۈەنگە سىتپ بەرگەن،ئابدۇكىرەم ئابدۇرخمان دۇكاننى سىتۋىلپ دۇكاننڭ يول قۇرلۇشغا چىقىپ كىتدىغانلقنى بىلپ دۇكاننى بىكارلاپ ئۈستنى ئىچپ تۇرغاندا دەۋاگەرمەمەت تۇرسۇن ئىمن ئابدۇكىرەم ئابلىزغا دەۋا نىشاندىكى دۇكاننى ئۆزىنڭ سىتۋىلپ ئۆزىنڭ دۇكىنى بىلەن قوشۇپ ياساش ئوينڭ بارلىقنى دۇكاننى ئۆزىگە سىتىپ بىرشنى ئىيتقاندىن كىين ئابدۇكىرەم ئابلىز دۇكاننى ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمانغا سىتپ بولغانلقى ئىيتقان ھەمدە ئەگەر سىتۋلىشنى خالىسا ئىككى ئادەمنى كىلشتۇرۇپ قويدىغانلقىنى ئۆتتۇرىغا قۇيۇىغاندىن كىين دەۋاگەر باشقلارنىڭ كىلشتۇرشى بىلەن ئابدۇكىرەم ئابدۇراخماندىن ئۈستى ئۇچۇق ،تاملىرى چىقلغان دۇكاننى 120 مىڭ يۈەنگە دىيشىپ دەۋاگەر مەمەتئىمىن ئىمن روزى جاۋابكار ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان دەۋادىكى 3-كىشى ئابدۇكىرەم ئابلىزلار تەۋەلكتى ئىجتماي رايۇنغا بىرىپ سابىق ئىجتماي رايۇن مەسئۇلي ئادىل ئەسقەر بىلەن كۆرۇشكەندە دۇكاننڭ 1.80 مىتر ئەتراپدا چىقلدىغانلقىنى ئۇقۇپ سىتۋالغان ،دەۋاگەر دۇكاننى 120 مىڭ يۈەنگە سىتۋىلپ ئۇزاق ئوتمەي دۇكان يول قۇرلۇشغا چىقىپ كەتكەنلك سەۋەبدىن دەۋاگەر دۇكاندىن پايدىلنالماي مەھكمىمىزىگە جاۋابكار ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان بىلەن تۇزشكەن دۇكان ئىلم –سىتم توختامنى كۈچتىن قالدۇرۇپ جاۋابكارغا بەرگەن 120 مىڭ يۈەننى ئىلپ بىرىش تۇغۇرسدا  مەھكىمىمىزگە دەۋا قىلغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار ئىنقلانىدى

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتشىنىڭ ئاساسى :

    1. ئابدۇكىرەم ئابلىز بىلەن ئابدۇكىرەم ئابدۇراخمان ئۆتتۇرسىكى دۇكان ئىلىم –ستىم ھۆججتىنڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقى

    2.ئوي ئىگدارلىق ھوقۇق گۇۋانامسى

   3. تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: سوتتا ئىنىقلانغان پاكىتقا قارىغاندا دەۋاگەربىلەن جاۋاپكار ئىغزىچە تۈزگەن دۇكان ئىلم –سىتم توختامى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قانۇن بويچە تۇزلگەن توختام بولۇپ كۈچىنى بىكىتىشكە بۇلىدۇ،دەۋاگەر دۇكان سىتۋىلشتىن ئىلگرى دۇكاننڭ چىقىلپ كىتدىغانلقنى ئىنق بىلگەن تۇرقلۇق چىقۋىتلگەن دۇكاننى ئىلىم-سىتم قىلشقان،دەۋاگەر سوتتا جاۋابكار بىلەن دەۋادىكى ئۇچىنجى كىشى مىنى ئالداپ توختام تۇزۇپ دۇكاننى ماڭا سىتىپ بىرىپتۇ دىگەن بولسمۇ بۇ ھەقتە دەلىل ئىسپات بىلەن تەمنلەپ بىرەلمدى، بۇ پىكىرنى قوللاشقا بولمايدۇ،دەۋاگەر سوتتا تاپشۇرغان ئىلىم - سىتم ھۆججتى دەۋاگەر تەرەپ ئۆزى يازغاندىن كىين سودا ئۈستدە تۇرۇپ بەرگەنلەرنى ئىمزا قىلدۇرۇپ ئۆزى ساقلاپ قالغان بۇنى سوت ئۈستدە ئۆزى ئىسپاتلايدۇ،شۇڭا بۇ دەلىل ئىسپاتنىڭ كۈچىنى بىكتىشكە بولمايدۇ، جاۋابكار ئۆتتۇرىغا قويغان دەۋاگەرچىقۋىتلگەن دۇكان ئۇرننى ئالغان دەۋاگەر دۇكاننڭ چىقىلپ كىتدىغانلقنى بىلەتتى شۇڭا ئىلىم –سىتم توختامنى كۈچكە ئىگە قىلپ بەرسە دىگەن پىكىرنى قوللاشقا تىگشلىك تەرەپلەر ئۆتتۇرسدا تۇزلىگەن ئىغزچە ئىلم –سىتم توختامنى كۈچكە ئىگە قىلش كىرەك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى »نىڭ7- 64-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈۋەندىكىچە ھۈكۈم قىلىندى:

    1-دەۋاگەر مەمەتئىمىن روزىنڭ دەۋا تەلىۋى رەت قىلىنسۇن.

2-دىلۇ قۇبۇل قىلىش ھەققى 1350 يۇەننى دەۋاگەر مەمەتئىمن روزى ئۈستىگە ئالسۇن

بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن باشلاپ 15كۇن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرىز كۆچۇرمىسىدىن 6 نۇسقا يىزىپ 2. سوت دەۋا ھەققىنى قۇشۇپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

   سوتچى: ياسىن مەخمۇت

              2016-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى

                  پۈتۈكچى: روشەنگۈل ئالىم

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1662683 位访客