添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3125 ھ د 850-نومۇرلۇق

作者:牙森麦合木提  2016-07-22 16:52:39


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3125 ھ د 850-نومۇرلۇق

دەۋاگەر: بۇھەجەر ئابلىمىت

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋەكالەتچىسى: تاش پولات مىرزى

جاۋاپكار: ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت

قانۇنى ۋەسىيسى : ئابدۇۋايىت زىيىت

جاۋاپكار: ئابدۇسالام ئابدۇۋايىت

جاۋابكار: جۇڭگو خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتى .

  تەشكىلى ئاپپارات ۋەكالەت نۇمۇرى: 8-93014300

قانۇنى ۋەكىلى: گۇئەنيى، شىركەت دىرىكتورى

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋەكالەتچىسى : ئالىمجان سۇلتان

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنىڭ جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ، ئابدۇسالام ئابدۇۋايىت ، جۇڭگو خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتى ئۈستىدىن دەۋا قىلغان يول قاتناش ھادىسىسى مەسئۇليەت ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كيىن قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت ۋە ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋەكالەتچىسى تاش پولات مىرزى ، جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتنىڭ قانۇنى ۋەسىيسى ئابدۇۋايىت زىيىت ،جاۋابكار ئابدۇسالام ئابدۇۋايىت ، جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋەكالەتچىسى ئالىمجان سۇلتان قاتارلىقلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلۇ سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

   دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت مەھكىمىمىزگە: «مەن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەكەن ناھىيە ھەستىپىر بالىلار يەسلىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ، جۇڭگۇ خەلق مۈل مۈلۈك سۇغۇرتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتىتدە مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان 新Q6H740 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ، دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنى سوقىۋىتىپ ، بۇھەجەر ئابلىمىتنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2015) 0044-نۇمۇرلۇق ھادىسە ئىسپاتى چىقارغان ، ھادىىسدىن جاۋبكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت دەۋاگەرنىڭ داۋالىنىش چىقىمى 10869.28 يۈەننى تۆلىگەن بولسىمۇ باشقا چىقىملارنى تۆلىمىگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن سوتنىڭ تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قىپقالغان زىيان 130170 يۈەن (9 كۈن بالنىستا يىتىپ داۋەلانغان مەزگىلدىكى ئىشتىن قىلىش ھەققى 1107 يۈەن ، قاراش ھەققى 1107 يۈەن ، ئوزۇقلۇنىش ھەققى 450 يۈەن ، 9-دەرىجىلىك مىيىپلىق تۆلىمى 92856 يۈەن ، كىيىنكى دەۋالىنىش چىقىمى 7000 يۈەن ، ئەدىليەلىك باھاشتىكى ئىشتىن قىلىش ھەققى 14760 يۈەن ، قاراش ھەققى 3690 يۈەن ، ئوزۇقلۇنۇش ھەققى 4500 يۈەن ، ئەدىليەلىك باھالاش ھەققى 3200 يۈەن )نى تۆلىتىپ ئىلىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن » دەپ داۋا قىلىدى.

   جاۋاپكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتنىڭ قانۇنى ۋەسىيسى ئابدۇۋايىت زىيىت : « دەۋاگەر دىگەن ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى راسىت ، ۋەقە چىققاندىن كىيىن مەن دەۋاگەرنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن يەكەن ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسغا 1380 يۈەن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرغانىغا 10869.28 يۈەن تۆلىدىم . بۇنىڭدىن باشقا قولىغا 1000 يۈەن نەخ پۇل بەرگەن . قاتناش ھەققى 480 يۈەن چىقىم قىلدىم . دەۋاگەر تەرەپ پىيادىلەر يولىدا ماڭماي موتو سىكىلت يولىدا ماڭغان بولغاچقا دەۋاگەرنىڭ مەسئۇليىتى بار ، دەۋاگەرمۇ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك . ۋەقە چىققاندىن كىيىن دەۋاگەر ئوغلۇم ئابدۇسالام ئابدۇۋايىتنى ئۇرۇپ ھەيدەۋاتقان موتو سىكلىتىنى ئىلىۋالغان . نەخ مايداننى بۇزىۋىتىپ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇليەت ئارىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋاگەر تەرەپ ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇليەتنى ئۈسىتىگە ئىلىشى كىرەك . بۇ موتۇ سىكىلىتنى جۇڭگۇ خەلق مۈل مۈلۈك سۇغۇرتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتىدە مەجبۇر سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان بولغاچقا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بىرىشى كىرەك . ئۇنىڭدىن باشقا  بەزى زىيانلىرىنى ھىسابلىشى بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتكەن . » دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

 جاۋاپكار ئابدۇسالام ئابدۇۋايىت :« دەۋاگەر دىگەن ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنىلىك راسىت ، ۋەقە سادىر قىلغان موتو سىكىلىت مىنىڭ نامىمدا ، ۋەقەدىن كىيىن مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر دەۋاگەرگە 12249 يۈەن تۆلەپ بەرگەن . مىنىڭ موتو سىكىلىتىمنى جۇڭگۇ خەلق مۈل مۈلۈك سۇغۇرتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتىگە سوغۇرتىغا قاتناشتۇرغان ، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ قانۇنلۇق چىقىملىرىنى سۇغۇرتا شرىكىتى ئۈستىگە ئىلىپ تۆلەپ بەرسە .» دەپ جاۋاپ قايتۇردى

جاۋابكار جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋەكالەتچىسى:« 新Q6H740 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىت شىركىتىمىزدە مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىقى راسىت . ھادىسە سادىر قىلغۇچى ئابدۇسالام ئابدۇۋايىت پىراۋىسز موتوسىكىلىت ھەيدىگەن بولغاچقا شىركىتىمىز تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز . دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىگە قارىتا ، ئىشتىن قىلىش ، ئوزۇقلۇقلىنىش ، كۈتۈنۈش كۈننى تەكرار ھىسابلىغان ، باھالاش نامىدە بىكىتىلگەن ئىشتىن قىلىش ، ئوزۇقلۇقلىنىش ، كۈتۈنۈش كۈنى قاتارلىقلار بالنىستا ياتقان ۋاقىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا دەۋاگەرنىڭ بۇ چىقىملارنى ھىسابلاش ئۆلچىمى يۇقۇرى بولۇپ كەتكەن ، سوت مەھكىمىىسى مۇۋاپىق بىكىتىپ بەرسە . باھالاش ھەققى بىلەن دەۋا ھەققى بىزنىڭ تۆلەم دائىرىمىزدە ئەمەس . جاۋابكارنىڭ جاۋاب پىكىرىگە قارىتا ، جاۋابكارلار دەۋاگەرگە بىرىپ بولغان پۇلىنى بىز ئۈستىمىزگە ئالمايمىز . » دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

   سوتتا تەكىشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە : 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ،جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئابدۇسالام ئابدۇۋايىت نامىدىكى ، جۇڭگو خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتىگە مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان 新Q6H740 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ مىڭىپ ، ھەزىتىپىر يولى 2-بالىلار يەسلىسىنىڭ ئالدىدىكى مەخسۇس قاتناش يولىغا كەلگەندە ، ئالدى تەرەپتىكى يولدىشى بىلەن ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن كىتىۋاتقان دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنى كەينى تەرەپتىن سوقىۋىتىپ قاتناش ھادىسى سادىرقىلغان ، ھادىسدە جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ۋە دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت زەخمىلەنگەن ، ھادىسىە چىققاندىن كىيىن تەرەپلەر ج خ ئورۇنلىرىغا دىلو مەلۇم قىلمىغان . 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى جاۋابكار تەرەپ دەۋاگەرنى قەشقەت ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ بالىنىسقا ئالدۇرغان ، دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسدا بالنىستا يىتىپ داۋالانغان ،دوختۇرخانا دەۋاگەرنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى ئىڭەك سۆڭىكى سونغان ، جاغ سوڭىكى سونغان دەپ دىگانۇنۇز قويغان . دەۋاگەرنىڭ دەۋالىنىش چىقىمى 10869.28 يۈەننى جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتنىڭ قانۇنى ۋەسىيسى ئابدۇۋايىت زىيىت تۆلىگەن ، بۇنىڭدىن باشقا جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت دەۋاگەرگە 1000 يۈەن نەخ پۇل بەرگەن .دەۋاگەر دوختۇرخانىدىن چىققاندا دەۋاگەر تولۇق ساقىايمىغان   2015-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دەۋاگەر ج خ ئىدارىسغا دىلو مەلۇم قىلغان ، يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى « نەق مەيدان بولمىغانلىقىتىن ھادىسە مەسئۇليەتنى بىكىتىشكە ئامال بولمىدى » دەپ (2015) 0044-نۇمۇرلۇق ھادىسە ئىسپاتى چىقارغان .

  دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنىڭ ھاۋالىسگە ئاساسەن 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ئەدىليەلىك باھالاش ئورنى ، دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنىڭ مىيىپلىق دەرىجىسى ، بۇنۇڭدىن كىينىكى داۋالىنىش چىقىمى ، ئىشتىن قىلىش كۈنى ، ئوزۇقلىنىش كۈنى ، كۈتۈنۈش كۈنىگە قارىتا ئەدىليەلىك باھالاش ئىلىپ بارىپ ، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى (2016)0095-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاشنامىسى چىقىرىپ ، بۇھەجەر ئابلىمىت بۇقىتىملىق قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن 9-دەرىجىلىك مىيىپلىق شەكىللىندۇ ، بۇنىڭىدىن كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى 7000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ ، ئىشتىن قىلىش كۈنى 120 كۈن ، ئوزۇقلىنىش كۈنى 90 كۈن ، كۈتۈنۈش كۈنى 30 كۈن بولىدۇ دەپ باھالاش پىكىرى چىقارغان . باھالاش ھەققى 3100 يۈەننى دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت چىقارغان .

يۇقارقى پاكىتلارنى تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپات ئىسپاتلايدۇ :

   1. دەۋاگەرنىڭ كىمىلىك ۋە نۇپۇس ئىسپاتى

   2. يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2015)0044-نومۇرلۇق ھادىسە ئېتىراپنامىسى ،

   3. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ (2016)0095-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاشنامىسى ۋە ھەق ئىلىش تالۇنى

4. قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلىق1- دۇختۇرخانىسىنىڭ داۋالىنىش ھەققى تالۇنى،دىياگۇنۇز ئىسپاتى، كىسەللىك تارىخى .

5 .تەرەپلەرنىڭ سوت ئوسىتىدىكى بايانى ۋە سوت خاتىرسى.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : پۇخرالارنىڭ جىسمانى ھۇقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قۇغدىلىدۇ، پۇخرالارنىڭ تىنىنى زەخمىلەندۈرگەنلەر داۋلالىنىش پۇلى ، ئىشتىن قىلىپ كىمىيىپكەن كىرىمى ، مىيىپ بولغۇچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى كىرەك . ئەگەر زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ شۇ قىتىملىق زىياننىڭ كىلىپ چىقىشىدا خاتالىقى بولسا ، زىيان يەتكۈزگىچىنىڭ ھەق-تەلەپ مەسئۇليتينى ينىكلىتىشكە بولىدۇ . 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ھادىسىدە دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىن ئىبارەت پاكىت ئىنىق ، دەلىل-ئىسپات تولۇق بىكىتشكە بولىدۇ . بۇقىتملىق ھادىسىدە 新Q6H740 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىتىنى ھەيدىگۈچى ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتنىڭ پىراۋىسى يوق ، ھەيدىگەندە يولدىن ئۆتكەن يولدىكى پىيادىلەرگە  دىققەت قىلمىغان ، ۋەقە چىققاندىن كىيىن ج خ ئورگانلىرىغا دىلو مەلۈم قىلمىغان ؛ دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت مەخسۇس قاتناش ۋاستىسى يولىغا كىرىۋالغان ، ھەمدە ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن ج خ ئورگانلىغا دىلو مەلۈم قىلمىغان ،  بۇ قىتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتننىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسىمۇ ، دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقى بار ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىتىلىق ھادىسدە ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ئاساسلىق مەسئۇليەت بويىچە %80 مەسئۇليەتنى ، دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت قۇشۇمچە مەسئۇليەت بويىچە %20 مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئىلىشقا تىگشلىك .

دەۋاگەرنىڭ بۇقىتىملىق ھادىسە سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان زىيانلىرىدىن ، دەۋاگەرنىڭ تەمىنلىگەن پاكىتى ۋە جاۋابكارنىڭ جاۋاب پىكىرىگە ئاسەسەن : داۋالنىش چىقىمى 10869.28 يۈەن ، بۇنىڭدىن كىينكى داۋالنىش چىقىمى 7000 يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ ؛ 120 كۈن ئۈشتىن قىلىش ھەققى كۈنلىكىنى 123 يۈەندىن ھىسابلاپ جەمئى 14760 يۈەننى ، 30 كۈنلۈك قاراش ھەققىنى كۈنلۈكىنى 123 يۈەندىن ھىسابلاپ 3690 يۈەننى ، 90 كۈنكۈك ئوزۇقلىنىش پۇلىنى كۈنلىكىنى 30 يۈندىن ھىسابلاپ 2700يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ . 9-دەرىجىلىك مىيىلىق تۆلەم پۇلىنى شەھەر ئاھالىرىنىڭ كىشى بىشى كىرىمى بۇيىچە ھىساپلاشقا تىگىشلىك. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ 2014-يىللىق كىشى بىشى كىرىمى 23214 يۇەن بولۇپ، 20 يىللىقى 464280 يۇەننىڭ %20 تى 92856يۇەننى بىكىتىشكە بۇلىدۇ ،ئەدىلىيىلىك باھالاش ھەققى 3100يۇەننى بىكىتىشكە بۇلىدۇ، رەسىمگە چۈشۈش ھەققى ، ماتىريال كۆپەيتىش ھەققى 100 يۈەننى بىكىتشكە بولىدۇ ، قاتناش چىقىمىغا قارىتا دەۋگەر ۋە جاۋابكار دەلىل –ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بەرمىگەن بولسىمۇ ، دىلونىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن سوتمىز دىلونىڭ ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ 600 يۈەننى بىكىتىدۇ ، دەۋاگەرنىڭ بۇقىتىملىق ھادىسدىكى بارىلق چىقىملىرنى ھىسابلىغاندا جەمئى135675.28 يۈەننى بىىتشكە بولىدۇ . بۇنىڭدىن دەۋاگەر داۋالىنىش ھەققى 10869.28 يۈەننى تەلەپ قىلمىغان ، دەۋاگەرلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار ، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ ئومومى زىيىنى 1355675.28 يۈەندىن داۋالىنىش چىقىمى 10869.28 يۈەننى چىقىرۋىتىپ قالدى 124806 يۈەننى دەۋاگەرنىڭ زىينىنى دەپ بىكىتىدۇ .

دەۋاگەرنىڭ يۇقارقى  124806 يۇەن زىيىنىدىن جاۋاپكارئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ھەيدىگەن 新Q6H740 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىت 3-تەرەپ مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان جاۋابكار  جۇڭگۇ خەلق مال –مۈلۈك سۇغۇرتا شىركتى يەكەن تارماق شىركتى مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرسىسدە كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى ۋە ئوزۇقلىنىش ھەققى ئۈچۈن 9700 يۈەن ، مىيىپىلىق تۆلەم پۇلى 92856 يۈەن ، ئىشتىن قىلىش ھەققى 14760 يۈەن ، قاراش ھەققى 3690 يۈەن ، قاتناش ھەققى 600 يۈەن ، بولۇپ جەمئى 120952يۈەندىن 120000 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىپ دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتقا  تۆلەشكە تىگىشلىك . دەۋاگەرنىڭ زيىنى124806 يۈەندىن سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرسىدە ئۈستىگە ئىلىشقا تىڭىشلىك بولغان 120000 يۈەننى چىقىرۋىتىپ قىپقالغان 4806 يۈەندىن جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ئاساسلىق مەسئۇليەت دائىرسىدە 4806.2يۈەننىڭ %80 تى 3844.42 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك ، لىكىن جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتنىڭ قانۇنى ۋەسىيسى دەۋاگەرنىڭ دەۋالىنىش چىقىمى 10869.28 يۈەننى تۆلىگەن ، 1000 يۈەن نەخ پۇل بەرگەن ، ھەمدە قەشقەرگە دوختۇرخانغا ئاپارغان ، قاتناش چىقىمىنى ئەھۋالغا قاراپ 200 يۈەن دەپ بىكتكەندە ، جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتنىڭ قانۇنى ۋەسىيىسى دەۋاگەرگە بۇھەجەر ئابلىمىتگە 12069.29 يۈەن بىرىپ بولغان ، دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىت جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىتغا8224.49 يۈەننى قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك ئىدى ، ئەمما جاۋابكار سوت ئۈستىدە بۇ قىسىم پۇلغا قارىتا ھىچقانداق پىكىردە بولمىغان بولغاچقا سوتتىن كىيىن ئۆزى بىر تەرەپ قىلىۋالسۇن . دەۋاگەر دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھەزگىلىدىكى ئىشتىن قىلىش ھەققى ، قاراش ھەققى ، تاماق ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدىكى ئىشتىن قىلىش كۈنى ، قاراش كۈنى ، تاماق ياردەم پۇلى ئەدىيلەلىك باھالاشنامدىكى ئىشتىن قىلىش كۈنى ، قاراش كۈنى ، ئوزقلۇنۇش كۈنىنىڭ ئىچدە بولغاچقا ، دەۋاگەرنىڭ بۇ تەلىۋىنى قوللاشقا بولمايدۇ ، رەت قىلىشقا تىگىشلىك . جاۋابكار جۇڭگو خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتى 新Q6H740 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىتىنى ھەيدىگۈچى ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت پىراۋىسىز ھەيدىگەن بولغاچقا بىز تۆلەم جاۋابكارلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز دىگەن بولسمۇ ، بۇپىكىرىنىڭ قانۇن ئاساسى يوق رەت قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ ، « جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى»نىڭ 119-131-ماددىسى ، «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ76-ماددىسى،«جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 64-66-ماددىسى ، ئالى خەلىق سوت مەكىمىسىنىڭ «قاتناش ھادىسىدىن كىلىپ چىققان زىيان –تولەم دىلولىرىنى سوتلاش توغرىستىكى قانۇن تەدبىقلاش بەلگىلمىلىرىگە ئايىت ئەدىليەلىك ئىزاھاتى »نىڭ 18ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى :

1. جاۋابكار جۇڭگۇ خەلق مال –مۈلۈك سۇغۇرتا شىركتى يەكەن تارماق شىركتى دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتنىڭنىڭ ئومومى زىينى 124806 يۇەندىن   مەجبۇرى  سۇغۇرتا دائىرسىسدە  120000 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىپ ، بۇ ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان دەۋاگەر بۇھەجەر ئابلىمىتقا  تۆلىسۇن .

2. جاۋابكار ئابدۇۋاھاپ ئابدۇۋايىت ئاساسلىق مەسئليەت بويىچە ، دەۋەگەرنىڭ قىپقالغان 4806 يۈەننى %80تى 3844 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىپ تۆلەشكە تىگىشلىك ، لىكىن جاۋابكار ئابدۇۋاھاب ئابدۇۋايىتنىڭ قانۇنى ۋەسىيىسى دەۋگەرگە 12069.29 يۈەن بىرىپ بولغان بولغاچقا جاۋابكار ئابدۇۋاھاب ئابدۇۋايىت تۆلەم مەسئۇليىتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ

3. جاۋابكار ئابدۇرسۇل ئابدۇۋايىت ھىچقانداق تۆلەم جاۋبكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ

4. دەۋاگەرنىڭ باشقا تەلىۋى رەت قىلىنسۇن.

دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 2903 يۇەندىن جاۋابكار جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتى 2700 يۇەننى ،دەۋاگەر 203 يۇەننى  ئۈستىگە ئىلىپ تۈلىسۇن.

ئەگەربۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۇمنامە يەتكۈزۈلگەن كۇندىن باشلاپ 15كۇن ئىچىدە،مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى تاپشۇرۇپ ھەمدە داۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنىڭ ئادەم سانى بۇيىچە كۆچۇرۈلمىسىنى تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بۇلىدۇ.

باش سوتچى:  ياسىن مەخمۇت

          سوتچى:  ئارزىگۇل قادىر

       خەلىق زاستاتىلى:  ئابلىمىت مامۇت

        2016-يىلى 3–ئاينىڭ 22-كۈنى

پۈتۈكچى: مۇختەرجان روزىنياز

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1662580 位访客