添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3125 ج د 254- نۇمۇرلۇق

作者:阿依努尔吐孙  2016-07-22 17:00:21


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3125 ج د 254- نۇمۇرلۇق

ئەيىبلىگۈچى ئورگان يەكەن ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋابكار سەمەت سەپەر ئوغورلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، جازا مۇددىتى 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قىتىم ئوغورلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 2016– يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى يەكەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يەكەن ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

جاۋابكار گۇلنار سەمەت ئوغورلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 2016– يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى يەكەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يەكەن ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

يەكەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 12– كۈنى (2016) 254- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەشنامە ئارقىلىق جاۋابكار سەمەت سەپەر، گۇلنار سەمەتلەرنى ئوغورلۇق جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ مەھكىمىمىزگە ئەيىبلىگەن. مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچوق رەسمىي سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. يەكەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش غەيرەت قۇربان سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋابكار سەمەت سەپەر، گۇلنار سەمەتلەر سوتقا كەلتۈرۇلۈپ دەۋاغا قاتناشتۇرۇلدى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

  يەكەن ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «2016- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۇنى چۇشتىن بۇرۇن سائەت 10لار ئەتىراپىدا جاۋابكار سەمەت سەپەر، ئايالى گۇلنار سەمەت بىلەن يەكەن ناھىيە كونا شەھەر سابا سودا سارىيى ئارقىسىدىكى ئاياغ دۇكىنىغا بالىسىغا ئاياغ سىتىۋىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى XX نىڭ ئاياغ دۇكىنىغا كىرىپ، ئايالى گۇلنار سەمەتنىڭ ھىمايىسىدە زىيانلانغۇچى XX نىڭ ئاياغ جازىسى يىنىغا قويۇپ قويغان سۇلىياۋ خالتىغا يوگەگلىك 98500 يۇەن پۇلىنى ئوغۇرلىغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى جاۋابكارلاردىن تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار سەمەت سەپەر، گۇلنار سەمەتلەرنىڭ قىلمىشىدىن ئوغورلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار سەمەت سەپەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 25- 65- 264- ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋابكار گۇلنار سەمەتكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 25- 264- ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز» دەپ ئەيىبلىگەن.

جاۋابكار سەمەت سەپەر سوتتا «مەن بۇرۇن بىر قىتىم سوتلۇق بولغان تۇرۇقلۇق، ئېزىپ بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ ساپتىمەن، بالام كىچىك، سوت مەھكىمىسىنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن» دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

جاۋابكار گۇلنار سەمەت سوتتا «مەن ئېزىپ بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ ساپتىمەن، بالام 9 ياشقا كىرگەن، قارغىلى باشقا ئادەم يوق، شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن» دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە جاۋابكار سەمەت سەپەر، ئايالى گۇلنار سەمەت بىلەن 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۇنى چۇشتىن بۇرۇن سائەت 10لار ئەتىراپىدا بالىسىغا ئاياغ سىتىۋىلىش ئۈچۈن يەكەن ناھىيە كونا شەھەر سابا سودا سارىيى ئارقىسىدىكى ئاياغ دۇكىنىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى XX نىڭ ئاياغ دۇكىنىغا كىرگەندىن كىيىن، جاۋابكار سەمەت سەپەر ئاياغ جازىسىنىڭ يىنىدا سۇلىياۋ خالتىغا يوگەپ قويۇلغان پۇلنى كۆرۇپ، جاۋابكار گۇلنار سەمەتنى توسۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، زىيانلانغۇچى XX نىڭ سۇلىياۋ خالتىغا يوگەپ قويغان 98500 يۇەن پۇلىنى ئوغۇرلاپ ئالغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى جاۋابكارلاردىن تولۇق ئەسلىگە كەلگەن قاتارلىق پاكىتلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.

  يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:

1- يازما ئىسپات 1) نۇپۇس ئىسپاتى. بۇ جاۋابكار سەمەت سەپەرنىڭ 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جاۋابكار گۇلنار سەمەتنىڭ 1991-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىق يىشىغا توشقانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ. 2) يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ دېلونىڭ پاش بولۇش ۋە جاۋابكارلارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى. بۇ زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىشى بىلەن، يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى جاۋابكارلارنى تۇتۇپ سوراق قىلىش ئارقىلىق، دىلونىڭ پاش بولغانلىقىنى ئسپاتلايدۇ. 3) مەھكمىمىزنىڭ (2012) 48- نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى. بۇ جاۋابكار سەمەت سەپەرنىڭ بۇرۇن بىر قىتىم سوتلۇق بولغانلىقىنى، بۇ قىتىم تەكرار جىنايەت ئۆتكۇزگەنلىكىنى ئسپاتلايدۇ. 4) پۇل تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى. بۇ زىيانلانغۇچى XX نىڭ 98500 يۇەن پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2- زىيانلانغۇچىنىڭ زىيانلىنىش بايانى. زىيانلانغۇچى XX زىيانلىنىش بايانىدا «مەن 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۇنى زىمىن ساتقان 100 مىڭ يۇەن پۇلنى دۇكاندىكى بىخەتەرلىك ئىشكاپىغا سىلىۋىتىش ئۈچۈن دۇكانغا ئەكىلىپ، بىخەتەرلىك ئىشكاپىنى ئاچالماي، بۇ پۇلنى بىر خالتىغا سىلىپ دۇكاننىڭ ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭدا قويۇپ قويدۇم، ئەتىسى دۇكانغا قىزىم مەستۇرەم كەتتى، كەچتە مەن پۇلنى ئىلىش ئۈچۈن دۇكانغا بارسام پۇل مەن قويغان يەردە يوق تۇرىدۇ» دەپ زىيانلىنىش ئىسپاتى بەرگەن.

3- جاۋابكارنىڭ ئىقرارى. جاۋابكار سەمەت سەپەر، گۇلنار سەمەتلەر ئىلگىرىكى ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى سوراقلىرىدا ۋە سوتتا ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلدى.

4- يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ نەخ مەيدان تەكشۇرۇش، تونۇشتۇش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتۇ سۈرئەتلەر دىلودا بار بولۇپ. بۇ جىنايەت سادىر بولغان ئورۇن، ۋاقىت، جاۋابكارلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلار دىلو بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەزمۇنى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، توپلىنىشى قانۇنلۇق بولۇپ سوتتا يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق دەلىل- ئىسپاتلىق كۈچى بىكىتىلدى. دېلو پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى جاۋابكار سەمەت سەپەر، گۇلنار سەمەتلەرنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە بىرلىشىپ شەخىسلەرنىڭ ناھايتى كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى يۇشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. يەكەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ دېلونىڭ خاراكتىرىنى پاكىتىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن ماددىلىرىغا تەدبىقلىشى توغرا بولغان، جاۋابكارغا جىنايى جازا بىرىش توغرىسىدىكى شىكايىتىنى مەھكىمىمىز قوللايدۇ، جاۋابكارنى جىنايەتلىك دەپ بىكىتىپ قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار سەمەت سەپەر بۇرۇن بىر قىتىم سوتلۇق بولغان تۇرۇغلۇق تەربىينى قوبول قىلماي جازا مۇددىتى توشوپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىينكى 5 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە تەكرار جىنايەت سادىر قىلىپ، جاۋابكار گۇلنار سەمەت بىلەن بىرلىشىپ شەخىسلەرنىڭ 98500 يۇەن نەخ پۇلىنى ئوغۇرلاپ ئالغان، جىنايەت سادىر قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان، شۈڭا جاۋابكارغا قانۇندىكى جازا چىكى ئىچىدە ئىغىر جازا ھۆكۈم قىلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، جاۋابكار تۇتۇلغاندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، زىياننى تولۇق ئەسلىگە كەلتۇرگەن، شۇڭا جاۋابكارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا چىكى ئىچىدە جازا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار گۇلنار سەمەت جاۋابكار سەمەت سەپەر بىلەن بىرلىشىپ شەخىسلەرنىڭ 98500 يۇەن نەخ پۇلىنى ئوغۇرلاپ ئالغان، جىنايەت سادىر قىلىشتا ئەگەشكۇچىلىك رول ئوينىغان، شۈڭا جاۋابكارغا قانۇندىكى جازا چىكى ئىچىدە جازا ھۆكۈم قىلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، جاۋابكار تۇتۇلغاندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، زىياننى تولۇق ئەسلىگە كەلتۇرگەن، شۇڭا جاۋابكارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا چىكى مۇۋاپىق جازا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكارلارنىڭ سوتتا ئوتتۇرغا قويغان ئۆزىنى ئاقلاش سۆزلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىش دائىرىسىگە كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىش كېرەك دەپ قاراپ جاۋابكار سەمەت سەپەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264– ماددا، 25- 65- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن، جاۋابكار گۇلنار سەمەتكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264– ماددا، 25- 27- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋابكار سەمەت سەپەرنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، قوشۇمچە 10000 يۈەن شىتىراف قويۇلدى.

جازا مۇددىتى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. (جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ، ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بىر كۈن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ).

جاۋابكار گۇلنار سەمەتنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 3 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراف قويۇلدى .

جازا مۇددىتى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. (جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ، ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بىر كۈن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ).

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرىز (ئېتىرازنامە) كۆچۈرمىسىدىن 3 نۇسخا يىزىپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز (ئېتىرازنامە) بەرسە بولىدۇ.

باش سوتچى   گۇلجامال ئابدۇللا

مۇۋەققەت سوتچى   ئاينۇر تۇرسۇن

خەلق زاسىداتىلى    تۇرسۇنگۇل مەمتىمىن

2016- يىلى 5- ئاينىڭ 11-كۈنى

پۈتۈكچى    تۇنساگۇل قادىر

责任编辑:阿卜杜热依木木萨    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆莎车县法院网
关闭窗口
地址:新疆喀什地区莎车县城南新区   邮编:844700  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1653958 位访客